مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج خ مىنىستىرلىقى «مىخ يۇلۇش» ھەرىكىتىدە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى

2023.01.12 14:31 مەنبە: خەلق تورى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىرلىكتە «مىخ يۇلۇش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان يېرىم يىلدىن بۇيان، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى گۇرۇھىنىڭ مۇھىم كاتتىبېشى ۋە تايانچلىرىغا قاتتىق زەربە بەردى ۋە ئۇلارنى جازالىدى. 11-چېسلا مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلىتىمىز ج خ ئورگانلىرى بىلەن كامبودژا ساقچىلىرى ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇرۇھىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى تەشكىللىگۈچىسىدىن توققۇزنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا چۈشۈرۈپ، دېلوغا چېتىشلىق سوممىنىڭ نەچچە يۈز مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ، «مىخ يۇلۇش» ھەرىكىتىدە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.


  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايەتلىرى كۆپ يۈز بەردى، تېلېگراف تور ئالدامچىلىرى چېگرا سىرتىدا ئۇۋا قۇرۇپ، ئېلىمىز ئاممىسىنى ھەدەپ ئالدىدى. ج خ ئورگانلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئالداپ كېتىلگەن زىيان 10 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان نۇرغۇن دېلودىكى ئالدامچىلىق ئۇۋىسىنىڭ كامبودژادا ئىكەنلىكىنى بايقىدى، ج خ مىنىستىرلىقى پەردە ئارقىسىدىكى تەشكىللىگۈچىلەرنى «مىخ يۇلۇش» ھەرىكىتىنىڭ تۇتۇش ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، باش بولۇپ مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، خېبېي، سەنشى، فۇجيەن، خېنەن، گۇيجوۋ قاتارلىق جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا تەشكىللىدى.


  جۇڭگو-كامبودژا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى ۋە كامبودژادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ساقچى ئىشلىرى ئالاقە ئەمەلدارىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ئۈستۈنلۈك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئىلىمىز ج خ ئورگانلىرى كامبودژا ساقچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ ئالدامچىلىق جىنايەت گۇرۇھىنىڭ نۇرغۇن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىگىلىدى، كامبودژا ساقچىلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ توققۇز نەپەر نىشان ئوبيېكتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا چۈشۈردى ھەمدە يېقىندا دۆلىتمىزگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا 10 دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى، ھازىرغىچە 24 جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشتى.


  ئىگىلىنىشىچە، «مىخ يۇلۇش» ھەرىكىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن بۇيان، ج خ مىنىستىرلىقى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 490 دىن ئارتۇق تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى گۇرۇھىنىڭ مۇھىم كاتتىبېشى ۋە تايانچلىرىنى «مىخ يۇلۇش» ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزگەن. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى تەكشۈرۈش، ھۆكۈم قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، خەلقئارا ساقچى ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، دېلوغا چېتىشلىق 240 تىن ئارتۇق تۇتۇش ئوبيېكتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا ئېلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىر قىسىم جىنايەت گۇماندارلىرى ئەيىبلەندى، ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرىدىغىنى قانۇننىڭ قاتتىق جازاسى.


  پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى «تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىپ، «بۇلۇت شەمشىرى»، «مىخ يۇلۇش»، «ئېقىننى ئۈزۈش»، «كارتا توڭلىتىش» قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ساقچى ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى قانۇن بويىچە يۇقىرى ئۈنۈمدە قانات يايدۇرۇپ، بۇخىل جىنايەت كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدىدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ