مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گەنسۇ ماچۈ ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى _____

ئوتلاقنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسىنى سىجىل ئۆستۈردى

2023.01.12 14:13 مەنبە: خەلق تورى

  قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدا، گەنسۇ ئۆلكىسى گەننەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماچۈ ناھىيەسىدىكى بىپايان ئوتلاقتا توپ–توپ قوتازلار ئوتلاۋاتاتتى، سېمىز قويلار چېپىپ يۈرەتتى.


  ماچۈ ناھىيەسىدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئوتلاق كۆلىمى 12 مىليون 880 مىڭ مو بولۇپ، خۇاڭخې دەرياسىغا قويۇلىدىغان نۇرغۇن كىچىك دەريا ئېقىنلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن، شۇڭا «خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۇ ساقلاش كۆلچىكى» دېگەن نامى بار.


  ماچۈ ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دۇڭ جۇجيا مۇنداق دېدى: «پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تەرەققىياتنى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلىشىمىز شەرت، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بىزنىڭ ئوتلاقنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئوتلاقنىڭ ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى».


  قۇملاشقان، چېكىنگەن ئوتلاقلارنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، چارۋا بېقىش مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىش قاتارلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇش ئارقىلىق، ماچۈ ناھىيەسىنىڭ ئوتلاق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سىجىل ياخشىلاندى، ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسى سىجىل ئۆستى. 2021- يىلى ناھىيە بويىچە ئوتلاقنىڭ ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %98.33 كە يېتىپ، 2016-يىلىدىكىدىن 0.15 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. 2016-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە ماچۈ ناھىيەسىنىڭ خۇاڭخې دەرياسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە قىممىتى 17 مىليارد 422 مىليون كۇپ مېتىرغا يېتىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە قىممىتىدىن 3 مىليارد كۇپ مېتىرغا يېقىن ئاشتى.


  ئىلمىي تەدبىر قوللىنىلىپ قۇملاشقان، چېكىنگەن ئوتلاق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى


  ماچۈ ناھىيەسى ساخې كەنتىنىڭ بىر قۇملۇق ئېتىكىدىكى قويۇق، تۇتاش كەتكەن ئوت-چۆپلۈكلەردە ئېگىزلىك سۆگەتلىرى شامالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، قوڭۇرباش، سالپاڭباش غىشە قاتارلىق ئوت-چۆپلەر يەر يۈزىدىكى قۇم–توپىلارنى چىڭ تۇتۇپ تۇراتتى.


  «بۇ، گەننەننىڭ 2021-يىللىق خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونىدىكى تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تارماق تۈرى بولۇپ، 2022-يىلى 7-ئايدا پۈتتى». ماچۈ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ باشلىقى ما جيەنيۈن ئېڭىشىپ، ئېگىزلىك سۆگىتى ۋە ئوت-چۆپلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈردى.


  كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشى، چاشقان زىيىنى ۋە نورمىدىن ئارتۇق چارۋا بېقىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ماچۈدىكى بىر قىسىم ئوتلاقلاردا بىر مەھەل قۇملىشىش، چېكىنىش ھادىسىسى كۆرۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ماچۈ ناھىيەسى سىستېمىلىق تۈزەش، رايونلارغا ئايرىپ تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتتى.


  «ماچۈنىڭ ھاۋاسى سوغۇق، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش مۇددىتى قىسقا بولۇشتەك ئەمەلىيىتىگە قارىتا، بىز ئوت-چۆپ بىلەن چاتقال بىرلەشتۈرۈلگەن قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسىنى تېپىپ چىقىپ، ئوت-چۆپ، چاتقاللارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ٪85كە يەتكۈزدۇق» دېدى ما جيەنيۈن تونۇشتۇرۇپ.


  دۆلەت يولى 345-لىنىيەسى ئاۋانساڭ تاغ بۆلىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاغ باغرى قىش كۈنلىرىمۇ يەنىلا ياپيېشىل تۇراتتى. «يېشىل تۇرغىنى سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن مەستەك بولۇپ، تېخى ئۆسمىگەن يەرلىك ئوت-چۆپلەرنى قوغداپ، بوراننىڭ ئۇچۇرۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ» دېدى ماچۈ ناھىيەلىك ئوتلاق خىزمىتى پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ چۈنلېي. ئۇلار ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا ئىچكى موڭغۇل، چىڭخەي، سىچۈەن قاتارلىق جايلاردىن ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان 20 نەچچە خىل ئوت-چۆپ ئۇرۇقى كىرگۈزۈپ، يەرلىكتىكى ئوت-چۆپلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تېرىدى.


  ئاۋانساڭ تېغىدىن ئۆتكەندە، ئوتلاقتا پات- پات چاشقان، توشقان پەيدا بولۇپ تۇراتتى. «ئاۋۇ قارا تۇپراقنى چاشقان، توشقانلار كولىغان» دېدى ما جيەنيۈن، قارا تۇپراقنى تىزگىنلەشتە ئالدى بىلەن ئوغۇتلاش، ئاندىن ئوت-چۆپنى تولۇقلاپ تېرىش، ئوت-چۆپ تولۇقلاپ تېرىلغان يەرنى قاشالاپ، چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىش كېرەك .


  گەپ قىلىۋاتقاندا بىر بۈركۈت يىراقتىن ئايلىنىپ، شۇڭغۇپ يۈرەتتى. «ئۇ بۈركۈت چاشقان ۋە توشقان تۇتۇۋاتىدۇ. بىز چاشقان ئاپىتى ئېغىر بولغان ئوتلاقتا ھەر 500 مو يەرگە بىر بۈركۈت قونۇش جازىسى ئورنىتىپ، بۈركۈتنىڭ قونۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردۇق. بۇنىڭدىن باشقا بىز يەنە كۈلرەڭ قارا تۈلكە قويۇپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، چاشقان ئاپىتىنى تىزگىنلىدۇق» دېدى ما جيەنيۈن.


  «كەنتتىكى كۆپ ساندىكى ئوتلاقلار خۇاڭخې دەرياسى بويىدا بولۇپ، ئىلگىرى يازدا دەريا سۈيى ئۇلغىيىپ، ئوتلاقلار ۋەيران بولاتتى، قىشتا بوران چىقسا قۇملىشىپ كېتەتتى» ماچۈ ناھىيەسى ئاۋانساڭ بازىرى گوڭسەي كەنتىدىكى چارۋىچى سونەننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئوتلاق ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوت–چۆپلەر ئېگىز ھەم باراقسان ئۆسكەن، مەھسۇلاتىمۇ زور دەرىجىدە ئاشقان.


  ھازىرغا قەدەر ماچۈ ناھىيەسىدە 340 مىڭ موغا يېقىن قۇملىشىپ كەتكەن ئوتلاق ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، 1 مىليون 220 مىڭ مودىن ئارتۇق ئوتلاق تۈزىلىپ، ئوتلاقنىڭ قۇملىشىپ چېكىنىپ كېتىش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى، خۇاڭخې دەرياسى ماچۈ بۆلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.


  چارۋىنى ئوتلاققا قاراپ بېكىتىپ، ئوتلاق بىلەن چارۋىنىڭ ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقىغا تۈرتكە بولۇندى


  ئوۋلا بازىرى ئەنماۋ كەنتى سەيلۇڭشەن تېغىدىكى بىر ئېگىز دۆڭگە كەلگەندە، ماچۈ ناھىيەلىك ئوتلاق نازارەت قىلىش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جوۋ يۇڭشېن بىرنەچچە خىزمەتدىشى بىلەن ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشكە قاراپ تارقىلىپ ماڭغاچ، كالىلارنى سانىدى.


  چارۋىچى زا باۋ ئائىلىسىنىڭ ئوتلىقى ئالدىغا كەلگەندە، جوۋ يۇڭشېن يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن ماتېرىياللارنى ۋاراقلاپ، چارۋا بېقىش مىقدارى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى بىرمۇبىر سېلىشتۇردى. جوۋ يۇڭشېن: «ئوتلاق كۆلىمىگە ئاساسەن، نەزەرىيە جەھەتتىن 490 تۇياق قوي، 122.5 تۇياق كالا باقسىڭىز بولىدىكەن، ئەمەلىيەتتە قانچىلىك كالا باقتىڭىز؟» دەپ سورىغاندا، «115 تۇياق كالا باقتىم، ئېشىپ كەتمىدى» دەپ جاۋاب بەردى زا باۋ.


  «كالا، قويلارنىڭ سانىنى نەق مەيداندا سېلىشتۇرۇش بىز دائىم ئىشلىتىدىغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى» دېدى جوۋ يۇڭشېن، ئوتلاق نازارەتچىلىك پونكىتى ھەر ئايدا دائىملىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرىدۇ، ناھىيە ھەر يىلى يەنە ئورمان-ئوتلاق، يېزا ئىگىلىكى-يېزا، مالىيە قاتارلىق تارماقلاردىكى خىزمەتچىلەر بىلەن بازار، كەنت كادىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يىللىق مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، چارۋىچىلار باققان چارۋا سانىنى نەق مەيداندا سېلىشتۇرۇپ، نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن–كەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ماچۈ ناھىيەسى بايلىق، مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئۇنىۋېرسال باھالاشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، چارۋىنى ئوتلاققا قاراپ بېكىتىش، ئاندىن چارۋىچىلىقنى بېكىتىشنى ئىلگىرى سۈردى. 2021- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ناھىيە بويىچە 1 مىليون 529 مىڭ 300 تۇياق قوي ئازايتىلىپ، ئوتلاق بىلەن چارۋىنىڭ ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.


  ناھىيەلىك ئورمان-ئوتلاق، چارۋىچىلىق تارماقلىرى چارۋىچىلارنى چارۋىنى قوتاندا بېقىشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە يېتەكلىدى. ئوۋلا بازىرى ئوۋچياڭ كەنتىدىكى لادىتاڭ ئوتلىقىدا چارۋىچى ئاڭچىڭ جيابۇ نەسىللىك قويلارغا بوغۇز بېرىۋاتاتتى. «ھازىر قوتاندا 120 تۇياق قوي، 47 تۇياق قوتاز بار، ئۆيگە تەۋە ئوتلاق يېتىشمەيدۇ، ھەر يىلى سىرتتىن 80 توننىدىن ئارتۇق يەم–خەشەك سېتىۋالىمىز» دېدى ئاڭچىڭ جيابۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، قوتاندا چارۋا باقىدىغان چارۋىچىلار چارۋا بېقىش مىقدارى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىكەن.


  ئوۋلا بازىرى دارچىڭ كەنتى 2- گۇرۇپپىسىدا، سەيدەن جاشى باش بولۇپ قۇرغان ماچۈ ناھىيەسى خېجيا قويچىلىق باغچىسى تىبەت قويى باقمىچىلىقى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى يىراق-يېقىنغا داڭلىق. سەيدەن جاشى مۇنداق دېدى: «ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى سەككىز چارۋىچى بىرلىشىپ قۇرغان، ھازىر 570 تۇياقتىن ئارتۇق قوي بار. بىرلىشىپ يايلىتىپ بېقىش، مەركەزلىك بېقىش ۋە قوتاندا بېقىش شەكلىنى قوللانغاندا، ئۈنۈم نىسبىتى ئائىلىلەرگە بۆلۈپ تارقاق بېقىش نىسبىتىگە قارىغاندا ٪20تىن ئارتۇق يۇقىرى بولىدىكەن».
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر


  مەنبە: خەلق تورى



مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ