مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چۇڭچىڭ شەھىرى بىشەن رايونى لەيفېڭ كوچا باشقارمىسى قورۇ يىغىنىدا خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئىشلارنى تەپسىلىي كېڭەشتى (چاغانلىق ئاساسىي قاتلام زىيارىتى)

2023.01.11 15:28 مەنبە: خەلق تورى

  ئاقئۆرۈك دەرىخى ئاستىدىكى بىر چاسا ئۈستەل ئەتراپىغا نەچچە ئون ئۇزۇن ئورۇندۇقلار تىزىلغان بولۇپ، چۇڭچىڭ شەھىرى بىشەن رايونى لەيفېڭ كوچا باشقارمىسىنىڭ دېڭفېڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى بۇ يەرگە يېغىلىپ ئولتۇرۇشقانىدى.


  ـ چاغان كېلەي دەپ قالدى، كۆپچىلىك قانداق مەسىلەڭلار بولسا ئىنكاس قىلساڭلاربولىدۇ، ـ دېدى لەيفېڭ كوچا باشقارمىسىدىكى كەنتنى ھۆددىگە ئالغان كادىر چيۇ جيەن قورۇ يىغىنىنى باشلاپ.


  ـ كەنتىمىزنىڭ سۇغىرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇ تۇرۇبىسىنى يەنە 100 مېتىر ئۇزارتىشقا بولامدۇ؟ ـ دېدى كەنت ئاھالىسى جېڭ كەيخۇي تۇنجى بولۇپ سۆز قىلىپ.


  ـ سىز دېگەن بۇ ئىشنى بىز نەق مەيدانغا بېرىپ كۆردۇق، رايونلۇق سۇچىلىق ئىدارىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ بېجىرمەكچى بولىۋاتىمىز، باش ئەتىيازدا بۇ ئىشلارنى پۈتتۈرگىلى بولىدۇ، ـ دېدى چيۇ جيەن دەپتىرىگە خاتىرىلىۋالغاچ.


  بۇ قېتىمقى قورۇ يىغىنىغا كەنت ئاھالىلىرىدىن باشقا يەنە رايون، كوچا باشقارمىسى، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار قاتناشقان ئىدى. «ئۈچ دەرىجىلىك قورۇ يىغىنى» مېخانىزمى ئارقىلىق بىشەن رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ، زېھنىنى ئامما ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرگەن ئىدى.


  ـ شۇجى، ئالدىنقى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆچەت يېتىشتۈرۈش كەسپىنى كەنتىمىز يولغا قويسا بولامدۇ-يوق؟ ــ دېدى كەنت ئاھالىسى ۋەن دۇڭجۈ.


  ـ بۇنىڭغا بىرنېمە دېگىلى بولمايدۇ، بۇنىڭدا كەنتىمىزنىڭ يەر ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچىگە قارايمىز. كەنتىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ياخشى، قاتناش ئەۋزەللىكى بار، بۇ ئەۋزەللىكلەردىن دەل جايىدا پايدىلىنىشىمىز كېرەك، ـ دېدى كەنت پارتكومىنىڭ شۇجىسى لۇڭ لىن.


  ـ نەق مەيداندا ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى نەق مەيداندا ھەل قىلىمىز، نەق مەيداندا ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىرىنى ئامما بىلەن بىرلىكتە كېڭىشىپ ھەل قىلىش پىكىر يولىنى مەسلىھەتلىشىمىز، ـ دېدى لەيفېڭ كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پېڭ يۈ مۇخبىرغا.


  ـ لاۋسۈن، ئالدىنقى قېتىم سىز دېگەن يول ياساش ئىشىنى يىغىندىن كېيىن مەن سىزگە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قوياي، بۇ يېڭىدىن يولغا قويۇلغان سىياسەت، مۇشۇ پۇرسەتتە بىز بىرگە ئۆگىىنەيلى، ـ دېدى چيۇ جيەنياڭ قولىدىكى ھۆججەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ كەنت ئاھالىسى سۈن ليەنخۇاغا.


  ـ ئىلگىرى يىغىن ئاچقاندا، كادىرلار كۆپ سۆزلەيتتى، ئامما ئاز سۆزلەيتتى، < ئۈچ دەرىجىلىك قورۇ يىغىنى > < قورۇ يېغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇش، تارماقلار باشلامچىلىق بىلەن بېجىرىش > ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنى باش بولۇپ سۆزلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك، ـ دېدى بىشەن رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى شياۋ لۈنيوۋ تونۇشتۇرۇپ ۋە گېپىنى داۋاملاشتۇردى، ـ ئالاقىدار تارماقلار مېخانىزم ئورنىتىپ، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر تىزىملىكىنى رەتلەپ، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى، بېجىرىش ۋاقىت چەكلىمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، رايون دەرىجىلىك بىرتۇتاش پىلانلاش-ماسلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئۈچ دەرىجىلىك قورۇ يىغىنى» نىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئالاقىدار تارماقلار بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈدۇ. بېجىرىلىپ بولغان ئىشلارنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ ئاممىنى باھالاپ نومۇر قويۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ.


  قورۇ يىغىنىنىڭ رولى تىلغا ئېلىنسا، لەيفېڭ كوچا باشقارمىسى لۇخې كەنتىدىكى ليۇ جيادې چوڭقۇر ھاياجانلىناتتى. ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگىچە تۇتاشقان يوللار قاتتىقلاشتۇرۇلمىغاچقا، كۆكتات، مېۋە-چېۋە توشۇش قولايسىز ئىدى. «ئۈچ دەرىجىلىك قورۇ يىغىنى» ئېچىلىپ، رايوندىكى قاتناش تارماقلىرىدىن ئادەم كەلگەندە، ليۇ جيادې بۇ تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دەسلەپتە بۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىدىغان-چىقمايدىغانلىقى نامەلۇم ئىدى. ليۇ جيادې تۆت ئايدىن كېيىن 1200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قاتتىقلاشتۇرۇلغان يولنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە تۇتىشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. «ھازىر يول راۋانلاشتى، ھەميانمۇ تومپايدى» دېدى ئۇ ھاياجان بىلەن.
بىلىپ-بىلمەي ئىككى سائەت ئۆتۈپ كەتتى. يىغىندىن كېيىن، دېڭفېڭ كەنتىدىكى كۆكتاتچى ۋەن گۇاڭلياڭ يۈگۈرگەن پېتى ئۆيىگە قايتتى. ئالدىنقى قېتىمقى قورۇ يىغىندا كۆكتاتلارنىڭ سېتىلماي قېلىش مەسىلىسى ئىنكاس قىلىنغاندا، لەيفېڭ كوچا باشقارمىسى دەرھال سېتىش يوللىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ بەرگەن ئىدى، ھازىر ۋەن گۇاڭلياڭ مال يەتكۈزۈشكە يېتىشەلمەي قېلىۋاتاتتى. «دەرھال بۇ ياش كۆكتاتلارنى شەھەرگە ئاپىرىپ بېرىىشىم كېرەك. چاغاندىن بۇرۇن بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىمەن» دېگگنلەرنى ئويلىغان ۋەن گۇاڭلياڭ شۇنداق دەپلا ماشىنىسىغا سەكرەپ چىقتى ۋە ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىنى كۆكتاتلارغا توشقۇزۇپ، شەھەرگە يول ئالدى.


  كادىرلار بىلەن ئامما يۈزمۇيۈز سۆزلىشىپ، قەلب كۆۋرۈكلىرىنى تۇتاشتۇردى. 2022-يىل 4-ئايدىن بۇيان، بىشەن رايونىدا 2795 مەيدان قورۇ يىغىنى ئېچىلىپ، 3500 دىن ئارتۇق مەسىلە ۋە تەكلىپلەر توپلاندى؛ ئاممىنىڭ 2631 مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا ھەل قىلىش نىسبىتى %88 كە يەتتى.


  چارۋىچىلار يايلاق بايلىقىدىن ئىلمىي پايدىلىنىپ نۇرغۇن نەپ ئالدى. سەيرىما بازىرى نەيئېرماگاما كەنتىدىكى زاشىساۋ ئىلگىرى ئۆيىدە چارۋا باقاتتى. ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئېرى ئۆيدە قوي-كالىلارغا قارىدى، زاشىساۋ ياشانغانلارنى ۋە بالىلىرىنى ئېلىپ ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىكى چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلدى.
«مەن قۇشخانىدا ئوراش-قاچىلاش ئىشچىسى، ئايلىق مائاشىم 3400 يۈەندىن ئاشىدۇ» دېدى زاشىساۋ. ئۇنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى ناھىيە بازىرىنىڭ ياخشى مائارىپ، داۋالاش شارائىتى بولۇپ، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى، ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىشى تېخىمۇ قولايلاشقانىدى.


  «ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشتا، بىز سىياسەت-تەدبىرلەرنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چارۋىچىلارنىڭ ئوت-چۆپكە قاراپ چارۋا بېقىش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈپ، نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن چارۋىلارنى ئازايتالايدىغان، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئۆستۈرەلەيدىغان، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلىيالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى جوۋ يۇڭشېن مۇخبىرغا.


  كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىپ، ئوتلاقنى قوغداش سالمىقىنى زورايتتى


  ياڭ چۈنلېي يايلاقنى ئۇنىۋېرسال ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئېلېكتىرونلۇق تېرمىنال ئۈسكۈنىسىنى ئېلىپ، ئاۋەنساڭ بازىرى داۋئېرجيا كەنتى 4- گۇرۇپپىسىدىكى بىر ئوتلاق قاشاسىدىن ئۆتتى. ئۈسكۈنە ئېكرانىدا ماچۈ ناھىيەسى 34-نومۇرلۇق يايلاقنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋە باھالاش ئۈلگە يېرىنىڭ يېشىل كۆرسەتكۈچ ئىسترېلكىسى پات - پات چاقناپ تۇراتتى.


  ياڭ چۈنلېي مۇنداق دېدى: «بۇ يەر چەمبەر مەركىزى قىلىنغان رادىئۇسى 40 مېتىر كېلىدىغان دائىرىنىڭ ھەممىسى ئۈلگە يەر رايونىغا تەۋە». ئوتلاقتا بىر ئاق رەڭلىك تۆمۈر قوزۇق كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، ئۈچ تال ئەۋرىشكە سىزىق تۆمۈر قوزۇقتىن سىرتقا سوزۇلغانىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەۋرىشكە سىزىقىدا ھەر بىر مېتىر ئارىلىقتا بىردىن كۆزىتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، سۈرەتكە تارتىپ يۇقىرىغا يوللىنىدۇ. 40 نۇقتىدا يەنە ئەتراپتىكى تۆت كىۋادرات مېتىر رايوندىن ئەۋرىشكە ئېلىپ كۆزىتىمىز».


  ياڭ چۈنلېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى كۆزىتىش نۇقتىسىدىن 50 ى، ئوتلاق ئېكولوگىيەسى مۇكاپات-تولۇقلىما بېرىش نەتىجە-ئۈنۈمىنى كۆزىتىپ باھالاش نۇقتىسىدىن 27 سى تەسىس قىلىندى. كۆزىتىش مەزمۇنى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېگىزلىكى، قاپلىنىش دەرىجىسى، قايتا ئۈنۈش دەرىجىسى، ئوت-چۆپ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».


  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ماچۈ ناھىيەسىنىڭ ئورمان، ئوت-چۆپلەرنى كۈزىتىش ئۈسكۈنىسى ۋە تېخنىكىسىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. خېچۈ ئات فېرمىسى 2-ئەترىتىنىڭ يايلاقنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش نۇقتىسىغا مىكرو تىپتىكى مېتىئورولوگىيە پونكىتى سەپلەنگەن بولۇپ، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىكى ھۆل-يېغىن، شامال سۈرئىتى، تېمپراتۇرا، نەملىك قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئاپتوماتىك يىغىپ ۋاقتىدا يوللايتتى. جۇ يۇڭشېن مۇنداق دېدى: «بىز يەنە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ، ئادەم كۈچى قولايسىز، ئاسان يېتىپ بارغىلى بولمايدىغان ئارقا تاغلاردىكى يايلاقلاردا ئايروپىلان بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردۇق».


  يېقىندا جوۋ يۇڭشېن ئاۋەنساڭ بازىرىدىكى يايلاقنى چارلاۋاتقاندا، بەزىلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياۋا دورا ماتېرىياللىرىنى قېزىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، دەرھال بېرىپ توستى ھەمدە تەكشۈردى. ئاخىرىدا، قېزىشقا تەشكىللىگۈچى ۋە ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرگەن ئوتلاقنى ھۆددىگە ئالغۇچىغا ئايرىم-ئايرىم جازا بېرىلىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇلدى.


  ماچۈ ناھىيەسى ئوتلاقنى يەنىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، «ناھىيە، مەيدان، پونكىت، ئورمان مۇھاپىزەتچىسى» دىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك ئورمان، ئوتلاق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، بارلىق مەمۇرىي كەنتكە 1350 ئېكولوگىيەلىك ئورمان مۇھاپىزەتچىسى، 80 ئوتلاق باشقۇرۇش-پەرۋىش قىلىش خادىمى تەكلىپ قىلدى. «كەنتىمىزدە ئىككى نەپەر ئوتلاق باشقۇرۇش-پەرۋىش قىلىش خادىمى بار، ھەر ھەپتىدە ئىككى-ئۈچ قېتىم ئوتلاقنى چارلايدۇ» دېدى داۋگې داڭجى 2020-يىلى ساخې كەنتىنىڭ يايلاق باشقۇرۇش-پەرۋىش قىلىش خادىمى بولغان، يايلاقتىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ بارغانسېرى بولۇق ئۆسۈۋاتقانلىقى، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىدەك خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى.


  گەننەن ئوبلاستىدىكى تەبىئىي ئوتلاقلارنى ھەرىكەتچان كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى ماچۈ ناھىيەسىدە ئوتتۇرا ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىدە چېكىنگەن ئوتلاق كۆلىمى ئازىيىپ 6 مىليون 370 مىڭ موغا چۈشۈپ، 2016- يىلىدىكىدىن 1 مىليون 930 مىڭ مو ئازايغان؛ تەبىئىي ئوتلاقتىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ ئېگىزلىكى، مو بېشى مەھسۇلاتىدىكى ئوت-چۆپ مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئوتلاقنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى سىجىل ياخشىلانغان.

پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا « تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدە قىلىپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ماچۈ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەيراڭ زاشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ماچۈ ناھىيەسى قوغداشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش، تۈزەشنى چىڭ تۇتۇش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونىدىكى تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ماچۈ ناھىيەسى بۆلىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئومۇمىي ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرىمىز.




  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز




  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ