مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دېجوۋ شەھىرى شورلۇق يەرلەرنى ياخشىلىدى

«تولۇق كۈچەپ ئاشلىقنى كۆپ، ياخشى ئىشلەپچىقىرىش»

2023.01.11 15:19 مەنبە: خەلق تورى

  ئىستون سۆزى


  بۇ يىل پارتىيە 20–قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.


  تىرىشقانلارغا باھار بالدۇر كېلىدۇ، بۇ، كۈرەش قىلىشنىڭ دەل ۋاقتى. بۈگۈندىن باشلاپ گېزىتىمىز «باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىپ، مۇخبىرلار ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىگەن كۈرەش ئىزلىرىنى خاتىرىلەپ، جۇڭگو زېمىنىنىڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى نامايەن قىلىدۇ.


  شىمال شامىلى جاندىن ئۆتۈپ، دەرەخ شاخلىرى غىچىر–غىچىر ئاۋاز چىقىراتتى. لى خۇيجۈن گۈرجەك، يۆگىمە سىزغۇچ قاتارلىق قوراللارنى خالتىغا ئەپچىلگىنە قاچىلاپ مۈرىسىگە ئارتىپ، ئېتىزغا قاراپ ئۇچقاندەك ماڭدى. بۇغدايلىقتىكى تۇتاش كەتكەن يۇمران مايسىلار قويۇق ئۆسكەن بولۇپ، ئېتىز قىرى، ئۆستەڭلەر، يوللار تۇتىشىپ كەتكەن، كىشىلەر لاي تارتىش، ئېرىقلارنى ياساش بىلەن ئالدىراش ئىدى.


  بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن لى خۇيجۈن شەندۇڭ ئۆلكىسى دېجوۋ شەھىرى چىڭيۈن ناھىيەسى چاڭجيا بازىرى بېيبەنيىڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى. كەنت ماجياخې دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان، خۇاڭخې دەرياسى بىلەن قوشنا بولۇپ، ئىلگىرى كەڭ كەتكەن شورلۇق يەرلەر بار ئىدى. شورلۇق يەرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، كەنت ئاھالىلىرى شاخ-شۇمبىنى ئېتىزغا قايتۇرۇپ، مۇۋاپىق نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىپ، خۇاڭخې دەرياسىدىن سۇ باشلاپ، باستۇرۇپ سۇغىرىش ئارقىلىق شورنى بېسىپ، ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇردى.


  ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، ناھىيەدىكى رەھبىرىي كادىرلار كەنتكە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، «بىر يېرىم توننىلىق ئاشلىق» يادرولۇق رايونى قۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. «بىر يېرىم توننا ئاشلىق» دېگەن نېمە؟ سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق لى خۇيجۈن بۇنىڭ بىر يىل ئىككى پەسىلدە ئاشلىقنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنى بىر يېرىم توننىغا يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.
2021-يىلى دېجوۋ «بىر يېرىم توننا ئاشلىق» ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، تىرىشىپ بەش يىلدا 1 مىليون مو يادرولۇق رايوننىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى 1500 كىلوگىرامدىن ئاشۇرماقچى بولدى.


  لى خۇيجۈن بۇنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، دەرھال ئىلتىماس قىلدى. ئاخىرىدا كەنتتىكى 1200 مو يەر يادرولۇق رايون قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.


  مو بېشى ھوسۇلىنى «بىر يېرىم توننا»غا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئەسلىھەلەرمۇ دەۋرگە يېتىشىپ مېڭىشى كېرەك. «ئىلگىرى يامغۇر ياغسىلا ئېرىقلار توسۇلۇپ كېتەتتى، ئېتىزدىكى پاتقاق يوللارغا دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ كىرگىلى بولمايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كونا سۇ پومپىسى پونكىتىدا ئېلېكىتر ماشىنىسى ئاران چۆرگىلەپ، سۇ ئۈزۈلۈپ–ئۈزۈلۈپ چىقاتتى، سۇغىرىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپ، يەنە سۇ ئىسراپ بولاتتى» دېدى لى خۇيجۈن، ئىلگىرىكى ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈستىدە توختالغاندا بېشىنى توختىماي چايقاپ.


  چىڭيۈن ناھىيەسى ئالدى بىلەن دېجۇ شەھىرىدە 188 مىليون يۈەنلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس زايومى تارقىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق ۋە يۈرۈشلەشكەن يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، لايىھەلەش شىركەتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ «بىر يېرىم توننىلىق ئاشلىق» يادرولۇق رايونىنىڭ يول، ئېرىق، كۆۋرۈك، زەيكەش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلىدى.


  تاشيول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش، ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى راۋانلاشتۇرۇش، سۇ پومپىسىنى ئالماشتۇرۇش، تۇرۇبا ياتقۇزۇش ئارقىلىق بېيبەنيىڭ كەنتىدىكى 1200 مو يەردە قۇرغاقچىلىقتا سۇغارغىلى بولىدىغان، ھۆلچىلىكتە سۈيىنى تارتىۋەتكىلى بولىدىغان ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.


  بۇ ئىككى يىلدا، دېجۇ شەھىرى يەنە «بىر يېرىم توننىلىق ئاشلىق» تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، چىڭيۈن ناھىيەسى يادرولۇق رايوندىكى دېھقانلارغا ئورگانىك ئوغۇت تارقىتىپ بەردى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى «بىرگە بىر» ئىز قوغلاپ يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللىدى، تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسىپلىق ئوغۇتلاش تېخنىكىسىنىڭ قاپلاش نىسبىتى %100 كە يەتتى. چاڭجيا بازىرى ئەتراپتىكى باقمىچىلىق مەيدانى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پاتقاق گازى تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، پاتقاق گازى سۇيۇقلۇقى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ يەرنىڭ ئۈنىمىنى ئاشۇردى.


  «ئىلگىرى يەر بەك قاتتىق ئىدى» دېدى لى خۇيجۈن زوڭزىيىپ سۆزلىگەچ ۋە بىر پارچە چالمىنى ئېلىپ مۇشتۇمىنى يېنىك تۈگدى، چالمىنى مۇنداقلا سىقىۋىدى، يۇمشاق توپا بارماقلىرى ئارىسىدىن سىيرىلىپ چۈشتى، ئۇ ئارقىدىنلا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ «ھازىر بۇ يەرلەرنىڭنىڭ ئوزۇقلىنىشى ناھايىتى يېتەرلىك» دېدى.


  «بىر يېرىم توننىلىق ئاشلىق» ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دېجۇ شەھىرى 2022-يىلى «ئاشلىق شاھى مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈپ، شەھەر، ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجە بويىچە باھالاپ، ياز ۋە كۈز پەسلىدىكى مەھسۇلات مىقدارىغا ئاساسەن، شەھەر دەرىجىلىك «يىللىق ئاشلىق شاھى» نى باھالاپ چىقتى.


  لى خۇيجۈن كەنت پارتىيە ياچېيكىسى قۇرغان كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. بۇلتۇر يازلىق يىغىم مەزگىلىدە، بىر نەچچە مۇتەخەسىس بېيبەنيىڭ كەنتىگە كېلىپ، ئېڭىزنى تازىلاش، ئۆلچەش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش قاتارلىق كۆپ خىل ئىش تەرتىپى ئارقىلىق يادرولۇق رايوندىكى بۇغدايلارنىڭ ھوسۇلىنى ئۆلچىدى. لى خۇيجۈن ناھايىتى ھاياجانلاندى، چۈنكى بۇغدايلارنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 743.2 كىلوگىرامغا يېتىپ، ناھىيە بويىچە بىرلىك مەھسۇلات رېكورتى ياراتقانىدى. بىر نەچچە ئايدىن كېيىن يەنە خۇش خەۋەر تارقالدى. كۆممىقوناقلارنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 924.24 كىلوگىرامغا يېتىپ، ناھىيە بويىچە بىرلىك مەھسۇلات رېكورتىنى يېڭىلىغانىدى.


  لى خۇيجۈن «ھازىرقى مەھسۇلات مىقدارى بويىچە بولغاندا، بىر مو يەردىن 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدۇ» دېدى. ھازىر، لى خۇيجۈن يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تولۇق تاماملىنىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. ئۇ يەنە يېڭى بىر يىلدا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاشلىقنى كۆپ، ياخشى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر


  مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ