مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شېن دېيۇڭ ئەيىبلەندى

2022.12.28 15:28 مەنبە: خەلق تورى

  جېجياڭدىكى تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە شېن دېيۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى ئەيىبلىدى


  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى شېن دېيۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بېكىتىشى بىلەن جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلىدى. يېقىندا نىڭبو شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى نىڭبو شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.


  تەپتىش ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جاۋابكار شېن دېيوڭغا بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇردى ھەمدە جاۋابكارنى سوراق قىلىپ، ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى. تەپتىش ئورگىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: شېن دېيۇڭ جياڭشى ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن، خىزمەت ھوقۇقى ياكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە جەھەتتىكى ھەرىكىتى ئارقىلىق باشقىلارغا نامۇۋاپىق مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، باشقىلارنىڭ پۇل ـ مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، سوممىسى پەۋقۇلاددە كۆپ بولۇپ، قانۇن بويىچە پارا ئېلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ