مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوڭۇشلۇق تاماملاندى! تەتۈر ساناق باشلاندى!

2022.12.05 15:54 مەنبە: خەلق تورى

  12-ئاينىڭ 3-كۈنى يىنچۈەن-لەنجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ جۇڭۋېي-لەنجوۋ بۆلىكىدە پۈتۈن لىنىيە بويىچە رېلىس ياتقۇزۇش ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، بۇ يىنچۈەن-لەنجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدىن ئىبارەت غەربىي شىمال رايونىنى شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان بۇ چوڭ لىنىيەدە پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاشنىڭ تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.


  3 -ئاينىڭ 27-كۈنى يىنچۈەن-لەنجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ جۇڭۋېي-لەنجوۋ بۆلىكىدە نىڭشيا تەۋەسىدە رېلىس ياتقۇزۇش باشلانغان، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى كۆۋرۈك ئىدارىسى قۇرۇلۇشقا مەسئۇل بولغان، جۇڭگو تۆمۈريول لەنجوۋ ئىدارىسى يىنچۈەن قۇرۇلۇش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغان.


  سۈن چىڭتاۋ، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى چوڭ كۆۋرۈكى ئىدارىسىنىڭ تۈر مەسئۇلى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىز يىنچۈەن-لەنجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ جۇڭۋېي-لەنجوۋ بۆلىكى قۇرۇلۇشىدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كۈرەش قىلىپ، 92.5 كىلومېتىر بۆلەكتە رېلىس ياتقۇزدۇق، 5.71 كىلومېتىر ئۇل ياسىدۇق، 11 كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5.59 كىلومېتىر، ئالتە تونېل جەمئىي 5.88 كىلومېتىر بولۇپ، يىل ئاخىرىدا بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا قاتناش باشلىنىدۇ، گەنسۇ-نىڭشيا ئىككى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) دىكى خەلقنىڭ يول يۈرۈشى تېخىمۇ قولايلىشىدۇ.


  يىنچۈەن-لەنجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورى بېيجىڭ-كۆكخوت-يىنچۈەن-لەنجوۋ يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، يىنچۈەن شەھىرىدىن باشلىنىپ لەنجوۋ يېڭى رايونى ئارقىلىق لەنجوۋ تۈگۈنىگە تۇتىشىدۇ.


  بۇنىڭ ئىچىدە يىنچۇەن-جۇڭۋېي بۆلىكىدە 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى قاتناش باشلاندى. جۇڭۋېي-لەنجوۋ بۆلىكىدە گەنسۇ تەۋەسىدە رېلىس ياتقۇزۇش 3-ئايدا تاماملىنىپ، 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بىرلەشمە تەڭشەش، بىرلەشمە سىناق قىلىش تاماملىنىپ سىناق باسقۇچىغا كىردى.
نىڭشيادا رېلىس ياتقۇزۇلۇپ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، يىنچۈەن-لەنجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ جۇڭۋېي-لەنجوۋ بۆلىكىدە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدۇ، شۇ چاغدا نىڭشيا جۇڭۋېيدىن گەنسۇ لەنجوۋغا قاتنايدىغان پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتى ھازىرقى بەش سائەتتىن بىر سائەتتىن كۆپرەككە قىسقىرايدۇ.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ