مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لاۋ رۇڭجى دېلوسىدىكى 2-سوتتا ئەسلى ھۆكۈم ساقلاپ قېلىندى

2022.12.01 15:04 مەنبە: خەلق تورى

  2022-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جياڭشى ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى لاۋ رۇڭجىنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، تۇتقۇن قىلىش جىنايى ھۆكۈمىگە قايىل بولماي سۇنغان نارازىلىق ئەرزى دېلوسىغا 2-سوتتا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى.


  جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا 1996-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە، جاۋابكار لاۋ رۇڭجى فا زىيىڭ ( ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان) بىلەن بىرلىشىپ، لاۋ رۇڭجى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدا كۈتكۈچى بولۇپ ئولجا ئىزدەشنى، فا زىيىڭ زوراۋانلىق قىلىشنى پىلانلىغان. ئىككىيلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجوۋ شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چاڭجوۋ شەھىرى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدە بۇلاڭچىلىق، تۇتقۇن قىلىش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىدىن تۆتنى بىرلىكتە سادىر قىلىپ، جەمىئي يەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، لاۋ رۇڭجى «شۆ لى» قاتارلىق يالغان ئىسىملارنى ئىشلىتىپ ئۇزاق مۇددەت قېچىپ يۈرگەن، 2019-يىل 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ج خ ئورگىنىغا تۇتۇلغان. نەنچاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار لاۋ رۇڭجىنى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى، تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ بېكىتىپ، بۇ بىرنەچچە جىنايەتنى بىرلەشتۈرۈپ جازالاپ، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشنى، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىشنى ھەمدە بارلىق شەخسىي مال ـ مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشنى قارار قىلدى. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، لاۋ رۇڭجى نارازىلىق ئەرزى سۇندى. جياڭشى ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 2022-يىل 8-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە ئوچۇق سوت ئېچىپ بۇ دېلوغا قاراپ چىقتى. 2-سوتتا بېكىتىلگەن پاكىت 1-سوت بىلەن بىردەك بولدى. جياڭشى ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، لاۋ رۇڭجى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى كۆزلەش، ئازدۇرۇش، باغلاپ قويۇش، نەزەربەند قىلىش، تەھدىت سېلىش، جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان جاي ۋە بارىدىغان يوللارنى ئىزدەپ بېكىتىش، پۇل ئېلىش، دېلو سادىر قىلىش قوراللىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى پائال سادىر قىلىپ، فا زىيىڭ بىلەن ئىش تەقسىماتىنى ئېنىق ئايرىپ، ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئورتاق جىنايەت شەكىللەندۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇستەقىللىقى بىر قەدەر كۈچلۈك، رولى كۆرۈنەرلىك بولغان. ئىككىيلەن تۆت يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزگەن، لاۋ رۇڭجىنىڭ فا زىيىڭنىڭ روھىي جەھەتتىن كونترول قىلىشى ۋە مەجبۇرلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتى يوق، لاۋ رۇڭجى بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتە ئاساسلىق رول ئوينىغان، قانۇن بويىچە باش جىنايەتچى دەپ بېكىتىش كېرەك.


  جياڭشى ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى لاۋ رۇڭجى فا زىيىڭ بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارنى قانۇنسىز ھالدا ھاياتىدىن مەھرۇم قىلىپ، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن؛ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاپ، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن؛ مال-مۈلۈكنى قاقتى-سوقتى قىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنى تۇتقۇن قىلىپ، تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن. لاۋ رۇڭجى ئۆتكۈزگەن بىر نەچچە جىنايەتنى قانۇن بويىچە قوشۇپ جازالاش كېرەك. لاۋ رۇڭجى فا زىيىڭ بىلەن بىرلىشىپ بەش ئادەمنى قەستەن ئۆلتۈرگەن؛ بۇلاڭچىلىق قىلىپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە ئائىلىلەرگە كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلغان، بۇلاڭچىلىق سوممىسى ناھايىتى زور بولغان؛ تۇتقۇن قىلىپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، جىنايەت قىلمىشى، ۋاسىتىسى ئىنتايىن قەبىھ، ئاقىۋىتى ۋە جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇبيېكتىپ رەزىللىكى ئىنتايىن روشەن، جەمئىيەتتىكى خەۋپى زور، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك. لاۋ رۇڭجى ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى ئوتتۇرىغا قويغان لاۋ رۇڭجى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرمەيدۇ، ئەگەشكۈچى جىنايەتچى، تەھدىت ئاستىدىكى ئەگەشكۈچى جىنايەتچى دېگەندەك نارازىلىق ئەرز ئاساسى ۋە ئاقلاش پىكرى 2-سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، قانۇنى ئاساسى يوق، قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىنمايدۇ. 1-سوت ھۆكۈمىدە بېكىتىلگەن پاكىتلار ئېنىق، دەلىل-ئىسپات راست ۋە تولۇق، جىنايەتنى بېكىتىشى توغرا، جازا ئۆلچىشى مۇۋاپىق بولغان. سوت قىلىش تەرتىپى قانۇنلۇق. نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلىي ھۆكۈمنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىپ، لاۋ رۇڭجىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھەققىدىكى كېسىمنى قانۇن بويىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىمىز.


  2-سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، سوت نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى لاۋ رۇڭجى ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتىنىڭ تۈرلۈك دەۋا ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلدى. ئاقلىغۇچى ئادۋوكات سوتقا كېلىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىشقا قاتناشتى، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ بىر قىسىم ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، بىر قىسىم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، بىر قىسىم تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە ھەر ساھە ئاممىسى بولۇپ 60 دىن ئارتۇق كىشى توردا ۋە تور سىرتىدا ھۆكۈم ئېلان قىلىشنى سىرتتىن ئاڭلىدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ