مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پايتەخت ئايرودرومى تاموژنىسى باشقۇرۇپ تىزگىنلەش تۈرىدىكى نېرۋىغا تەسىر قىلىدىغان ئورۇقلىتىش دورىسىنى قولغا چۈشۈردى

2022.11.16 15:49 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، بېيجىڭ تاموژنىسىغا قاراشلىق پايتەخت ئايرودرومى تاموژنىسى چېگرىدىن كىرگۈزۈلگەن «ئۈچ يوق» ئورۇقلىتىش دورىسىدىن 582 قاپ، 3470 تالنى قولغا چۈشۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە 1208 تالنىڭ تەركىبىدە چەكلەنگەن تەركىبلەر بار. تاموژنا خادىمى شۇ كۈنى چېگرىدىن كىرگەن بىر نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ يۈك-تاقلىرىنى ماشىنىدا تەكشۈرۈپ ھۆكۈم قىلغاندا، بىر چاماداننىڭ سۈرىتىنىڭ بىنورماللىقىنى بايقىدى. ساندۇقنى ئېچىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق تاموژنا خادىمى بۇ ساندۇققا كۆپ مىقداردا كۆپ خىل رەڭلىك كىچىك خالتىلىق ئورۇقلىتىش دورىسى سېلىنغانلىقىنى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، سۈپەت لاياقەتلىك ئىسپاتى، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت يوقلۇقىنى بايقىغان. باھالاش ئارقىلىق بۇنىڭ ئىچىدە 1120 تال تەركىبىدە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيەلىك بۇيۇم ئېفېدرىن ۋە فېنپروماسىن، كوففېئىن قاتارلىق تىزگىنلىنىدىغان نېرۋىغا تەسىر قىلىدىغان دورا؛ 88 تال تەركىبىدە تىزگىنلىنىدىغان نېرۋىغا تەسىر قىلىدىغان دورا فېندمېترازىن بارلىقى ئېنىقلاندى.


  ئېفېدرىن ئۆسۈملۈك ئېفېدرىدىن ئېلىنىدىغان ئالكالوئىد بولۇپ، مەركىزىي نېرۋىنى روھلاندۇرۇش رولى كۆرۈنەرلىك، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە نورمالسىز خۇمار بولۇش ۋە چىدامچانلىقنى قوزغايدۇ، ئۇ نېرۋىغا تەسىر قىلىدىغان تىزگىنلىنىدىغان دورىغا تەۋە. ئېفېدرىن يەنە كرىستال زەھەر ياساشنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى بولۇپ، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىش، سېتىش، ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش قاتتىق تىزگىنلىنىدۇ. فېنپروماسىننى ئېلىمىز بىرىنچى تۈردىكى نېرۋىغا تەسىر قىلىدىغان دورىلارنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش قاتارىغا كىرگۈزگەن. كوففېئىن ۋە فېندمېترازىنى ئېلىمىز ئىككىنچى تۈردىكى نېرۋىغا تەسىر قىلىدىغان دورىلار قاتارىغا كىرگۈزگەن. بۇ دورىلار مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىشتىھانى تىزگىنلەش ئارقىلىق ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتىدۇ، لېكىن ئۇدا ئىشلەتكەندە خۇمار پەيدا بولۇپ، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇڭا خەلقئارا زەھەر چەكلەش ئەھدىنامىسى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-نىزاملىرىدا قاتتىق باشقۇرۇلىدۇ. ھازىر بۇ دېلو ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ