مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاكادېمىك تاڭ يوۋچى ۋاپات بولدى

2022.11.10 11:35 مەنبە: خەلق تورى

  ئېلىمىزنىڭ داڭلىق خىمىيە ئالىمى، مائارىپشۇناس، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو كىرىستال ۋە قۇرۇلما خىمىيەسىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى، بېيجىڭ داشۆسى خىمىيە ۋە مولېكۇلا قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى تاڭ يوۋچى ئەپەندى كېسەل سەۋەبىدىن 2022-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدا 103 يېشىدا ۋاپات بولدى.

  ئاكادېمىك تاڭ يوۋچى ئېلىمىزنىڭ كىرىستال خىمىيە تەتقىقاتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىنسۇلىننىڭ كىرىستال قۇرۇلمىسىنى ئۆلچەپ بېكىتىش، ئوكسىدلىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم سىستېمىلارنىڭ قۇرۇلما تەتقىقاتىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ئىستىخىيەلىك يەككە قەۋەتلىك تارقاقلاشتۇرۇش نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئۇزاق مۇددەتلىك سىستېمىلىق تەتقىقاتنى قانات يايدۇدى. ئۇنىڭ ئىستىخىيەلىك يەككە قەۋەتلىك تارقاقلاشتۇرۇش پىرىنسىپى يۇقىرى ئۈنۈملۈك كاتالىزاتور، ئادسورپسىيەلىگۈچى رېئاكتىۋ قاتارلىق ئىقتىدار سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتا مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى ئويناپ، مولېكۇلا قۇرۇلۇش ئىلمىنى بەرپا قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ خىمىيە ۋە بىئولوگىيە گىرەلەشمە پەنلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ