ۋەزىپىنى تاماملاپ ئوڭۇشلۇق چېكىندى
2022.11.10 11:32 مەنبە: خەلق تورى
جۇڭگۇ ئادەملىك ئالەم قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 2022- يىل 11- ئاينىڭ 9- كۈنى سائەت 11دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، بەلگىلەنگەن ۋەزىپسىنى تاماملىغان ئالەم كېمىسى 4-نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئۇچار كېمە ئالەم بوشلۇقى پونكىتى بىرلەشمە گەۋدىسىدىن ئوڭۇشلۇق چېكىنىپ، مۇستەقىل ئۇچۇش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئالەم كېمىسى 4-نۇمۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئۇچار كېمە 2022-يىل 5-ئاينىڭ 10-كۈنى خەينەن ۋېنچاڭدىكى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا قويۇپ بېرىلىپ ئوربىتىغا كىرگەن بولۇپ، ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا ئالتە توننا ئەتراپىدىكى تولۇقلىما ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزدى. ھازىر، بۇ كېمىنىڭ ئەھۋالى ياخشى، كېيىنكى قەدەمدە پەيتنى تاللاپ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ