مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2022.11.10 10:08 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى، كېڭەش ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن بولۇپ 100گە يېقىن كىشى توردا ۋە تور سىرتىدا يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە سۆز سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر چۆرىدىلىپ، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىندى.

  يىغىنغا قاتناشقان زاتلار بىردەك مۇنداق قارىدى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا «جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىزچىل تۈردە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقى ۋە تارىخىي تەشەببۇسكارلىقى نامايان قىلىندى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قەتئىي ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى چىقىرىلدى. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئەمەلىي يولى ئىزاھلاندى.

  يىغىنغا قاتناشقان زاتلار بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مول كىشىلىك ھوقۇق مەزمۇنىنى ئاڭلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزاھلاپ، مەۋقەنى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقئارا تەسىرگە ئىگە يېڭى ئۇقۇم، يېڭى كاتېگورىيە، يېڭى بايانلارنى تىرىشىپ تاۋلاپ چىقىپ، ماركسىزملىق كىشىلىك ھوقۇق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق نەزەرىيەسى ۋە سۆز سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ