مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2025-يىلىغا بارغاندا، بۇ تۈردىكى ئىختىساسلىقلاردىن 200 مىڭى يېتىشتۈرۈلىدۇ

2022.11.08 14:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 4-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، كەسپىي مائارىپ نەق مەيدان ئىنژېنېرلىرىنى مەخسۇس تەربىيەلەش پىلانىنى بىرلىكتە يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار پىلانلاندى: 2025-يىلىغا بارغاندا، 500 دىن ئارتۇق كەسپىي مەكتەپ، 1000 كارخانا تۈرنى يولغا قويۇشقا قاتنىشىدۇ، 200 مىڭدىن ئارتۇق نەق مەيدان ئىنژېنېرلىرى يېتىشتۈرۈلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەخسۇس تەربىيەلەش پىلانى نۇقتىلىق ساھەلەرنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش كەسپىي مۇھىتىدا ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولغان تېخنىكا ئورنىغا يۈزلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىش ئورنى ئېھتىياجىنى تاللاپ ئېلان قىلىپ، كەسپىي مائارىپ بايلىقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ماسلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە شاگىرتلىق تۈزۈمىنى ئاساسلىق تەربىيەلەش شەكلى قىلىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا نەق مەيداندا ئىنژېنېر تەربىيەلەش ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىر تۈركۈم نەق مەيدان ئىنژېنېرلار شۆيۈەنى قۇرۇپ، ھۈنەرۋەنلىك روھىغا ئىگە، ئىنچىكە مەشغۇلات قىلىدىغان، ھۈنەر-سەنئەتنى بىلىدىغان، باشقۇرۇشنى بىلىدىغان، ھەمكارلىشىشقا ماھىر، يېڭىلىق يارىتالايدىغان زور بىر تۈركۈم نەق مەيدان ئىنژېنېرلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مەكتەپ بىلەن كارخانا بىرلىشىپ شاگىرت تەربىيەلەش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنى باھالاش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قوش ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلمىسى، ئوقۇتۇش كوللېكتىپى بەرپا قىلىش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ رەقەملىك ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىش قاتارلىق تۆت تۈرلۈك ئاساسىي ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەخسۇس تەربىيەلەش پىلانىدا يىللىق مەلۇمات تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ھەر ئىككى يىلدا مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا تايىنىپ باسقۇچلۇق تەكشۈرىدىكەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن يېڭىلاپ شاللاپ، تۈر ئاخىرلاشقاندا ئۈنۈمنى باھالاشقا تەشكىللىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ