مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملار جەمئىيىتى مۇكاپاتى تارقىتىلدى

2022.11.08 11:51 مەنبە: خەلق تورى

  10-ئاينىڭ 6-كۈنى، شاڭخەيدە ئېچىلغان 5-نۆۋەتلىك دۇنيا ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملار مۇنبىرىدە، تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملار جەمئىيىتى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

  ئەقلىي ئىقتىدار ئىلمى ياكى ماتېماتىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، ئامېرىكىلىق كومپيۇتېر ئىلمى ۋە ئىستاتىستىكىشۇناس مايكېل I جوردان، ھاياتلىق ئىلمى ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، گېرمانىيەلىك بىئوخىمىيە ئالىمى دىرىك گېرلىخقا ئايرىم-ئايرىم ھالدا مېدال، گۇۋاھنامە ۋە 10 مىليون يۈەن مۇكاپات بېرىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۇنيا ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملار جەمئىيىتى مۇكاپاتىنى دۇنيا ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملار جەمئىيىتى تەسىس قىلغان، شاڭخەي دۇنيا ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملار تەرەققىيات فوندى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، دۇنيانىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى قوللاپ، پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىسلارغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يول ئېچىش خاراكتېرلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن، شۇغۇللىنىۋاتقان پەن-تېخنىكا نەزەرىيەسى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن، يېڭى زور تەتقىقات ساھەسىنى ئاچقان ياكى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ھەمدە ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرگەن تەتقىقاتچىلار ۋە تېخنىكا ئاۋانگارتلىرىنى تەقدىرلەش مەقسەت قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ