7-چېسلا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 6-چېسلا تانزانىيەنىڭ 39 يولۇچى ئولتۇرغان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى كۆلگە چۈشۈپ كېتىپ، ئاز دېگەندە 19 ئادەم ئۆلۈپتۇ. بۇ ۋەقەدە جۇڭگو پۇقراسى تالاپەتكە ئۇچرىدىمۇ؟ جۇڭگو تانزانىيەدىن ھال سورامدۇ؟ دەپ سورىدى.
جاۋ لىجيەن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ ۋاقتى 6-چېسلا چۈشتىن كېيىن، تانزانىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى بەختكە قارشى ۋىكتورىيە كۆلىگە چۈشۈپ كېتىپ ئېغىر تالاپەت يۈز بەردى. جۇڭگو ئۆلگەنلەرگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدۇ، ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىدارلاردىن سەمىمىي ھال سورايدۇ. مۇشۇنداق قايغۇلۇق پەيتتە، جۇڭگو تانزانىيە بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ۋەقەدە بىر جۇڭگولۇق يولۇچى يارىلانغان بولۇپ، ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.جۇڭگونىڭ تانزانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، يارىدار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭدىن ھال سورىدى ۋە ئۇنى ياردەم بىلەن تەمىنلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ