ئىچكى موڭغۇلدا بۇنىڭدىن 6000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقت ئىلگىرىكى ياڭشاۋ مەدەنىيىتى خارابىسى بايقالدى
مۇخبىرنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئۇلانچاب شەھەرلىك مەدەنىيەت-ساياھەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئارخېئولوگلار چاخار ئوڭ قانات ئوتتۇرا خوشۇنىدا يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە ئائىت خارابە بايقىغان، مۇتەخەسسىسلەر دەسلەپكى قەدەمدە بۇ خارابىلىكنىڭ بۇنىڭدىن 6000 يىللار ئىلگىرىكى ياڭشاۋ مەدەنىيىتى مياۋدىگۇ تىپىدىكى يېڭى تاش قوراللار دەۋرى خارابىسى ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن. بۇ مەزكۇر رايوندا بۇ تىپتىكى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە ئائىت خارابىلىكنىڭ ئىككىنچى قېتىم بايقىلىشى.
يېڭىدىن بايقالغان خارابە چاخار ئوڭ قانات ئوتتۇرا خوشۇنى كۇلۇنسۇمدا. ئىگىلىنىشىچە، شۇ جايدىكى چارۋىچىلار بۇ يەردىن ئۆتكەندە ھېچقانداق گىياھ ئۈنمىگەن بىر قاقاسلىقتا، بىرمۇنچە پارچە-پۇرات، شەكلى غەلىتە تاش قوراللارنى بايقىغان. كېيىن، ئارخېئولوگلار تەكشۈرۈپ، بۇ خارابىلىكتە نۇرغۇن كەسكۈچى، چاققۇچى قوراللار، تۈگمەن تېشى، تاش پىچاق قاتارلىق تاش قوراللارنى، بەزى تاش قوراللارنىڭ شەكلىنىڭ بىر قەدەر مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى، يەنە بەزى قۇلۇلە قېپى ۋە ساپال بۇيۇملار پارچىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بايقىغان. مۇتەخەسىسلەر بۇ خارابىلىكنىڭ ياڭشاۋ مەدەنىيىتى مياۋدىگۇ تىپىغا تەۋە يېڭى تاش قوراللار دەۋرى خارابىسى ئىكەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە جەزىملەشتۈردى.
چاخار ئوڭ قانات ئوتتۇرا خوشۇنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىك ئىدارىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى ليۇ شۆفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يېڭى بايقاشلار ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تارقىلىشىنى تەتقىق قىلىش، ياڭشاۋ مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشاشمىغان يەرلىك تۈرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى مول ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ