دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 7-چېسلا مۇنداق دېدى: جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ، سودا ۋە مەبلەغنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.
شۇ كۈنى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر «خۇيفېڭ گۇرۇھى» يېقىندا ئېلان قىلغان «چەت ئەل كارخانىلىرىدىن جۇڭگونىڭ 2022-يىلىغا نەزەر:RCEP يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش» تەكشۈرۈش دوكلاتى توغرىسىدا سوئال سورىغاندا، جاۋ لىجيەن يۇقىرىقىلارنى بىلدۈردى.
جاۋ لىجيەن بۇ دوكلاتنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %80 تىن ئارتۇق چەت ئەل كارخانىسى كەلگۈسى بىر يىلدا جۇڭگو كەسپىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %75 كارخانا كەلگۈسى 24 ئايدا جۇڭگودىكى تەمىنلەش زەنجىرىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، %93 «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» (RCEP) غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغان كارخانىلىرى جۇڭگو بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە %40 تىن ئارتۇق كارخانا كەلگۈسى بىر يىلدا جۇڭگو كەسپىنىڭ ئاز دېگەندە %30 ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش يەر شارىدىكى 16 ئاساسلىق بازاردىكى 3400 گە يېقىن كارخانىغا يۈزلەنگەن بولۇپ،RCEP غا ئەزا توققۇز دۆلەت ۋە دۇنيادىكى يەتتە ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرمەكتە. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 8 ئېيىدا، جۇڭگو بىلەن RCEP ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سودا سوممىسى 8 تىرلىيون 320 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، جۇڭگونىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يېقىنلاشتى.
جاۋ لىجيەن يەنە مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ، سودا ۋە مەبلەغنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ