11-ئاينىڭ 7-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى تيەنجىڭ 4-چېسلا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ياپونىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى تور مۇداپىئە مەركىزىگە رەسمىي كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دەپ سورىدى.
جاۋ لىجيەن جاۋابەن مۇنداق دېدى: بىز مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە دىققەت قىلدۇق. شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى كۆپ قېتىم شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئىتتىپاق ئورنىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، جۇغراپىيەلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرگەن. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ جۇغراپىيەلىك كاتېگورىيەسى ئەمەس، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان نۇسخىسىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنى قۇرۇشمۇ ھاجەتسىز. ئەمما بىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى زادى نېمە؟ خەلقئارا جەمئىيەت بولۇپمۇ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلىشى كېرەك. شەرقىي ئاسىيا تىنچ، مۇقىم جاي، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىدىغان مۇنبەت تۇپراق، جۇغراپىيەلىك تالىشىدىغان جەڭ مەيدانى ئەمەس. يېقىنقى زامان مىلىتارىزمى تاجاۋۇز قىلغان ئاشۇ تارىخ تۈپەيلىدىن، ياپونىيەنىڭ ھەربىي بىخەتەرلىك يۈزلىنىشى ئىزچىل ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلدى. ياپونىيە تارىخىي ساۋاقلارنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، رايون دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچنى بۇزىدىغان، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ