7- نويابىر، شيامېن تاموژنىسى تېخنىكا مەركىزى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ تاموژنا يېقىندا قولغا چۈشۈرگەن بىر تىرىك ئۆمۈچۈكنىڭ ئالا ئۆمۈچۈك ئىكەنلىكى بىكىتىلگەن، بۇ ئۆتكۈر زەھەرلىك ئۆمۈچۈك دۇنياغا داڭلىق زەھەرلىك ئۆمۈچۈكنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەتتە «قارا تۇل خوتۇن» دەپ ئاتىلىدىكەن.
شيامېن تاموژنىسى يېقىندا بىر تۈركۈم ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل يۈك ساندۇقلىرىنى نازارەت قىلىۋاتقاندا، ساندۇقتا قارا ئۆمۈچۈك بارلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن نەق مەيداندىكى خادىملار تەكشۈرۈشنى توختىتىپ، ماشىنىنىڭ ساندۇقىنى تاقاپ دېزىنفېكسىيەلىدى. بۇ مەزگىلدە تاموژنا خادىملىرى ماشىنا ۋە ئۇنىڭ ساندۇقىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈردى ۋە ئاخىرىدا ساندۇقنىڭ بۇلۇڭىدىن بىر تىرىك ئۆمۈچۈكنى تۇتۇۋالدى.
بۇ ئۆمۈچۈكنىڭ قورساق قىسمىدا قىزىل داغ بولۇپ، تېخنىكا مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشى ئارقىلىق ئۆتكۈر زەھەرلىك ئۆمۈچۈك «قارا تۇل خوتۇن» ئىكەنلىكىنى بىكىتكەن، بۇ شيامېن تاموژنىسىنىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم «قارا تۇل خوتۇن»نى قولغا چۈشۈرۈشى.
شيامېن تاموژنىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «قارا تۇل خوتۇن» دۇنيادىكى زەھىرى ئەڭ كۈچلۈك ئۆمۈچۈكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلاننىڭ زەھىرىدىن 10 ھەسسە كۈچلۈك ئىكەن، چىشى ئۆمۈچۈك ئۆمرىدە پەقەت بىر قېتىملا چېتىشىدىكەن، شۇنداقلا بىر قېتىمدا 5000 تال تۇخۇم تۇغالايدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ