مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇخلاۋاتقاندا ئۈندىدارىڭىز ناتونۇش ئۈسكۈنىدە ئېچىلدىمۇ؟

ئۈندىدار ئورگان تەرەپ ئىنكاس قايتۇردى

2022.11.07 23:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا نۇرغۇن تورداشلار ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىنىڭ سەھەردە ناتونۇش ئۈسكۈنىدە ئېچىلغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

  11-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن، تېڭشۈن ئۈندىدار كوللېكتىپى مىكرو بىلوگ جاكارى ئېلان قىلىپ: «ئۈندىدار نامەلۇم ئۈسكۈنىدە ئېچىلدى، دېيىش <پۈتۈنلەي خاتا چۈشەنچە>، ئابونتلارنىڭ ھودۇقۇپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى. تېڭشۈن ئۈندىدار ئەترىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر «ئۈندىدارىڭىز USER-202211CI دېگەن ئۈسكۈنىدە ئېچىلدى»، دېگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالسىڭىز قورقۇپ كەتمەڭ، بۇ ھەرپ-بەلگىدە دېيىلگىنى دەل ئۆزىڭىزنىڭ ئۈسكۈنىسى بولۇشى مۇمكىن. زاۋۇتنىڭ تەڭشىكى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئوخشاش بىر ئۈسكۈنە ئۈندىدارىڭىزنىڭ تىزىملىتىش خاتىرىسىدە ئوخشاشمىغان ئىسىمدا كۆرسىتىلىشى مۇمكىن. «مەن ئۇخلاۋاتقان چاغدا ئۈندىدارىمنى باشقىلار ئېچىپتۇ» دەپمۇ قورقۇپ كەتمەڭ، ئۈندىدارىڭىز توردىن چۈشۈپ كېتىپ ئۇچۇر تاپشۇرۇۋېلىشىڭىز كېچىكىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كۆپ ساندىكى ئەپ دېتاللارغا ئوخشاش، ئۈندىدار ئاپتوماتىك ھالدا تورغا ئۇلىنىپ تۇرىدۇ.

  ئۆزىمىزنىڭ ئۈندىدارغا چىقىش ئۇچۇرىمىزنى قانداق تەكشۈرىمىز؟

  ئۈندىدارنىڭ تەڭشەك بېتىگە كىرىپ، «ھېسابات نومۇرى ۋە بىخەتەرلىك»نى تاللاپ، ئاندىن «تىزىملىتىلغان ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرۇش»نى چېكىپ كىرگەندە، يېقىندا ئۈندىدار تىزىملىتىلغان ئۈسكۈنىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ ھەمدە تىزىملىكتىكى ئۈسكۈنىلەرنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ، ئۆچۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، بۇ ئۈسكۈنىدە ئۈندىدارغا چىققاندا سالاھىيەتنى دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ