مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى يەنە ئۈچ ئاي قامال قىلىنىدۇ؟ پىتنە-ئىغۋا!

2022.11.07 23:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئۈرۈمچى توردا پاش قىلىش» سۇپىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 5-كۈنى مەلۇم تور ئەھلى مىكرو بىلوگ، دوۋيىن، ئۈندىدار توپى قاتارلىق سۇپىلاردا «يەنە ئۈچ ئاي قامال قىلىنىدۇ، دېيىشىۋاتىدۇ، راسمىدۇ؟ ھۆكۈمەت تەرەپ جاۋاب بېرىڭلار»، «ئۈرۈمچى شەھىرى قامال قىلىنغىلى ئۈچ ئاي بولاي دېدى، چېكىگە يەتتۇق، يەنە قانچىلىك ۋاقىت قامال قىلىنىمىز؟»، «ئۈچ ئايلىق ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋالدىم، ئۈچ ئاي راست قامال قىلىنىشى راست ئىكەن» دېگەندەك ئۇچۇرلارنى تارقاتقان بولۇپ، بىر قىسىم تور ئەھلىنى ئەندىشىگە سالدى.

  ئالاقىدار تارماقلار تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق بۇنىڭ تور پىتنە-ئىغۋاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، كەڭ تور ئەھلىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇچۇرىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، تور پىتنە-ئىغۋالىرىغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك، ئىغۋا تارقاتماسلىق، ئىغۋا توقۇماسلىقىنى سورايمىز!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ