مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يەن نىڭ ئامېرىكىدىن ۋەتەنگە قايتىپ شېنجېندا تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇشقا ياردەملىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2022.11.02 11:43 مەنبە: خەلق تورى

  11- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2022- يىللىق شېنجېن دۇنيا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى مۇنبىرىدە، داڭلىق ئالىم يەن نىڭ پرىنسېتون داشۆسىدىكى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، شېنجېنغا بېرىپ تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.ئىگىلىنىشىچە، شېنجېن تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىشتات، دەرىجە بېكىتمەي، ئىجتىمائىيلاشقان ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدىكەن، ئاكادېمىيە باشلىقى پۈتۈن دۇنيادىن تەكلىپ قىلىنىدىكەن. شېنجېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاخباراتىدا بېسىپ تارقىتىلغان «شېنجېن تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە «لايىھە» دېيىلىدۇ) دە مۇنۇلار ئاشكارىلاندى: شېنجېن تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېڭى مېخانىزمنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاساسلىقى «تۆت سۇپا، بىر ئاقىللار ئامبىرى» قۇرۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا دۇنيادىكى داڭلىق تېببىي تەتقىقات ئاپپاراتىغا ئايلىنىشقا تىرىشىدۇ.

  2017-يىل 5-ئايدا، يەن نىڭ ئامېرىكا پرىنسېتون داشۆسى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك لېكسىيە سۆزلەش پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنىپ كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. يەن نىڭ مۇنداق دېدى: «باشقا بىر خىل مۇھىت ئالماشتۇرۇش ئۆزىگە يېڭى بېسىم بېرىش، ئۆزىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈندۇر». چىڭخۇا داشۆسىدىكىلەرمۇ مۇنداق دېدى: «بۇ جۇڭگونىڭ ئىلىمىي ئىدىيەسى، مائارىپ ئىدىيەسى ۋە چىڭخۇا داشۆسىنىڭ ئىلىمىي ئۇسلۇبىنى خەلقارا ئىلىم سەھنىسىگە تارقىتىشقا پايدىلىق».يەن نىڭ، 1997- يىلى شەندۇڭ لەيۋۇدا تۇغۇلغان؛ 1996- يىلى چىڭخۇا داشۆسى بىئولوگىيە ئىلمى ۋە تېخنىكا فاكۇلتېتىغا كىرگەن؛ 2000- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە پرىنسېتون داشۆسى مولېكۇلا بىئو فاكۇلتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ھەمدە دوكتور ئاشتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان؛ 30 ياشقا كىرمەيلا چىڭخۇا داشۆسى ھاياتلىق ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ ئەڭ ياش پىروفېسسورى ۋە دوكتور يېتەكچىسى بولغان؛ 37 يېشىدا ئوتتۇرىچە يېشى 30قا توشمىغان كوللېكتىپقا باشلامچىلىق قىلىپ، ئالتە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ پەردە ئاقسىلى تەتقىقاتى ساھەسىدە 50 يىل ھەل قىلىنمىغان، ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن، خەلقئارا رىقابەت ئەڭ كەسكىن بولغان ئىلمىي قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغان؛ 2015- يىلى خەلقئارا ئاقسىل ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ «ياش ئالىملار مۇكاپاتى»، «سېكلېر خەلقئارا بىئوفىزىكا مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

  2016- يىلى ئاقسىل قۇرۇلمىسى جەھەتتىكى گەۋدىلىك تۆھپىسى بىلەن «تەبىئەت» ژۇرنىلى باھالىغان «جۇڭگو ئىلىم-پەن چولپىنى» بولۇپ تاللانغان. شۇ يىلى 9-ئايدا يەن نىڭ تەكلىپكە بىنائەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ پەن تەتقىقات كەچۈرمىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش تەسىراتى توغرىسىدا ئەركىن پاراڭ قىلغان.

  ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەمەلىيەتتە ئالىملارنى بۇنداق بەك يۈكسەك ئورۇنغا قويۇۋېلىپ ئېينىشتىيىن، نيۇتونلارنى تىلغا ئېلىپ تەسەۋۋۇر قىلمىسىمۇ بولىدۇ، ئەسلىي ئۇنداق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز ئىنتايىن قىزىقارلىق تەتقىقات، يەنى كۆپچىلىكنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى «بولۇشقا تېگىشلىك ئىشلىرى»نى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر قېزىپ چىقىش ياكى بىز ھەمىشە ئۇنىڭ مولېكۇلا ئاساسىنى، ماددىي ئاساسىنى تېپىپ چىقىشنى ئويلايمىز، مانا بۇ ئالىملارنىڭ دۇنياسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۇنيا ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن گۈزەل».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ