مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرەيلى

___ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2022.11.01 00:46 مەنبە: خەلق تورى

  يېڭى دەۋر كارتىنىسىنىڭ كۆرۈنۈشى ناھايىتى ھەيۋەتلىك، يېڭى مۇساپە سەھىپىسىنىڭ داغدۇغىسى ناھايىتى دەبدەبىلىك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاندى، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «پۈتۈن پارتىيە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆزگىرىشنى تونۇش، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىش، ئۆزگىرىش ياساشتا تەشەببۇسكار بولۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشتە تەشەببۇسكار بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبە قازىنىشىمىز شەرت!»

  ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىككى قەدەم بويىچە مېڭىلىدۇ.2020-يىلىدىن 2035- يىلىغىچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ 2035-يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئېلىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىككى قەدەم بويىچە مېڭىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ماكرولۇق نەزەر سېلىنىپ، 2035-يىلىغىچە بولغان ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي نىشانى ۋە كەلگۈسى بەش يىللىق ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرى بېكىتىلدى. كەلگۈسى بەش يىل ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش باشلانغان ھالقىلىق مەزگىل، بۇ بەش يىللىق تەرەققىياتنى ياخشى ئىشلەش ئىككىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتىكى ئۇللۇق، ئىستراتېگىيىلىك تىرەك، پەن-تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلق دېموكراتىيەسى سوتسىيالىزمنىڭ جېنى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، پۈتكۈل جەرياندا خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش شەرت.

  دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئىنقىلاب، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاق مۇددەتلىك كاپالەت رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت ئىشەنچى بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ئاساسىي، ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاققا سوزۇلغان كۈچ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مەنىۋى كۈچنى كۈچەيتىش شەرت. ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، شۇڭا خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش شەرت. تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە ماسلىشىش، تەبىئەتنى قوغداش ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنىڭ ئۆزى بايلىق دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.دۆلەت خەۋپسىزلىكى − مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى − دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت. ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى تېزدىن دۇنياۋى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش − ئومۇميۈزلۈكسوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەلىپى. پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىش شەرت. «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» − جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش شەرت. بىز پارتىيە 20 -قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۈشكۈللۈكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولۇشى كېرەك. پارتىيە 20–قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان، ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 1-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە پىلان ۋە ئورۇنلاشتۇرما بولۇش، باش نىشان، ئومۇمىي يۆنىلىش، ئومۇمىي تەلەپنى ئىگىلەش ئالدىنقى شەرتىدە تۈرلۈك نىشان ۋە ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت لايىھەسىنى قاراتمىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلى، قۇرۇلۇش خەرىتىسى تۈزۈپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.»

  پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان-ۋەزىپىلەرنىڭ بەزىلىرى يېقىنقى مەزگىللىك، بەزىلىرى ئوتتۇرا مەزگىللىك، بەزىلىرى ئۇزاق مەزگىللىك بولۇپ، مۇھىملىق ۋە جىددىيلىك دەرىجىسىنى ئېنىق ئايرىش ھەم ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ھەم مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك؛ ھەم ھازىرنى چىڭ تۇتۇپ، ھەم يىراقنى كۆزلەپ ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن ساقلىنىش كېرەك. جايلار، تارماقلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ ھەم بىر ساھەگە شان-شەرەپ كەلتۈرۈش، ھەم ئومۇمىيەتكە شەرەپ كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چوقۇم كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ، ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىغا پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

  يېڭى مۇساپە شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ، ئالغا ئىلگىرىلەش سىگنالى چېلىندى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت، ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتەيلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ