يېقىندا، ئالاتاۋ ئېغىزى تاموژنىسى تاشيول پورتىدىن كىرگەن تەكشى كۇزۇپلۇق ئاپتوموبىلنى H986 ئاپپاراتتا تەكشۈرگەندە، ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ زىچلىقىنىڭ نورمالسىزلىقىنى بايقىغان، نەق مەيداندىكى تاموژنا خادىملىرى تەكشۈرگەندە، ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا يۇشۇرۇلغان چېگرا سىرتىدىن كىرگەن 3300 كىلوگىرام تۇپراقنى بايقىغان.
بۇ ئالاتاۋ ئېغىزى تاشيول پورتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم چېگرادىن كىرگەن ترانسپورت ۋاسىتىلىرىدىن تۇپراقنى قولغا چۈشۈرۈشى. 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئالاتاۋ تاموژنىسى قانۇن بويىچە بۇ تەكشى كۇزۇپلۇق ئاپتوموبىلغا تۇپراقنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىش تەدبىرى قوللاندى.«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان-چىقىرىلىدىغان ھايۋانات-ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش قانۇنى»غا ئاساسلانغاندا، تۇپراق دۆلىتىمىز ئېنىق بۇيرۇق چۈشۈرۈپ چېگرادىن كىرىشىنى مەنئى قىلغان بۇيۇملارنىڭ بىرى، تۇپراق ناھايىتى ئاسانلا ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۇپراقتىن تارقىلىدىغان كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنى ئېلىپ يۈرىدىغان بولۇپ، يەنە يېزا ئىگىلىكى ۋە ئىقتىسادىي زىرائەتلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھاشاراتلار ۋە ئادەم، ھايۋانلاردىكى پارازىت قۇرت كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قۇرت تۇخۇمى، لىچىنكا ۋە باكتېرىيە قاتارلىقلارنىمۇ ئېلىپ يۈرۈشى مۇمكىن، بۇ دۆلەتنىڭ جانلىقلار ۋە تازىلىق بىخەتەرلىكىگە يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن.
تاموژنا ئىمپورت كارخانىلىرى ۋە تىرانسپورت ۋاسىتىسى ئىشلىتىدىغان كارخانىلارنى چېگرادىن كىرگۈزۈش - چىقىرىشقا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشتىن بۇرۇن، دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار قانۇن - نىزاملىرىدىكى تەلەپلەرنى پىششىق ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار قانۇن - نىزاملىرىدا كۆرسىتىلگەن چېگرادىن كىرىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملار مۇندەرىجىسىنى تولۇق چۈشىنىپ، قانۇنغا رېئايە قىلىپ تىجارەت قىلىشى، تىرانسپورت ۋاسىتىلىرىدا مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنى ئېلىپ يۈرمەسلىكى ۋە يۇشۇرماسلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ