10-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىككە ئىشلىتىلىدىغان دورا خلوربازان تابلېتىنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان يىچاڭ رېنفۇ دورىگەرلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يىنوس «R» خلوربازان تابلېتىنى مەملىكەت بويىچە بازارغا سېلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
يىغىندا يىچاڭ رېنفۇ دورىگەرلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش لېدىرى دۇ ۋېنتاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بۇ خىلوربازان تابلېتىنىڭ ئۆلچىمى 10 مىللىگىرام/تال، ھەر بىر قۇتىسى 28 تال چىقىدىغان بولۇپ، ھەر بىر قۇتىسىنىڭ باھاسى 84 يۈەن. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ تۆۋەن باھا. دۇ ۋېنتاۋ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز بىمار بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 2023-يىلى خلوربازان تابلېتىنى دۆلەتنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش خىزمىتىنى باشلايدۇ، كېيىنكى قەدەمدە يەنە 3-تەرەپ جامائەت پاراۋانلىقى ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە دورا ياردىمى بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۇتقاقلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ دورا ئىشلىتىشىگە ماسلىشىشنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلىشىپ، شىركەت يەنە خلوربازان سۇيۇق دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئاز ئۇچرايدىغان تۇتقاقلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، كېسەلداشلار توپىنىڭ باشلىقى «سۇڭسۇڭنىڭ دادىسى» ئاز ئۇچرايدىغان تۇتقاقلىقنى داۋالاشتا دورا ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى پائال قوللىغان ۋە ئىلگىرى سۈرگەن ئالاقىدار تارماقلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ