مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسىدىكى بۇ مەزمۇنلار دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ

2022.10.23 14:34 مەنبە: خەلق تورى

  پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدىكى يەنە بىر مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ، پارتىيەنىڭ 13- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ھەر قېتىملىق مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدا پارتىيە نىزامنامىسىگە مۇۋاپىق تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلدى.

  بەش يىل ئىلگىرىكى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى ماقۇللاندى، تۈزىتىلمىدىكى ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتا ۋە تارىخىي تۆھپە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بىلەن بىللە پارتىيەنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى قىلىپ بېكىتىشتىن ئىبارەت بولدى.

  ئەمەلىيەت ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چېكى يوق.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 20-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا: «ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش ۋە دەۋرلەشتۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى سەھىپە يارىتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تەنتەنىلىك تارىخىي مەسئۇلىيىتى» دەپ كۆرسەتتى.

  10-ئاينىڭ 22-كۈنى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمىسى)» توغرىسىدىكى قارار ماقۇللىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

  بۇ قېتىمقى پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇرغۇن تۈزىتىلمىلەر بار.

  بۇلتۇر، باش شۇجىنىڭ «1-ئىيۇل سۆزى»ىدە «ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى»نى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە شەرھلىدى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ يۈز يىللىق كۈرەش تارىخىدىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى يەكۈنلەنگەن، بۇ مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن پارتىيە نىزامنامىسىگە يەنە «پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى»، «پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتى»، «كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىش»، «ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىش»، «تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش» قاتارلىق مەزمۇنلار قوشۇلۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى نامايان قىلىندى.

  پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم بۇ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى قىلىپ بېكىتىلدى، بۇ يېڭى مەزمۇنلارمۇ پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈلدى.

  پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق پارتىيە نىزامنامىسى بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى زىچ جىپسىلاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ