دېلو مىسالى لى بوۋاي ۋەسىيەتنامە يازغۇزۇپ ئىككى يۈرۈش ئۆينى ئۆيى يوق ئۈچىنچى ئوغلىغا بېرىش، قالغان ئىككى يۈرۈش ئۆينى چوڭ ئوغلى بىلەن ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ھەر بىرىگە بىر يۈرۈشتىن بېرىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرغان ھەمدە ۋەسىيەتنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزگەن، چوڭ ئوغلى نارازى بولۇپ، بوۋاينى يوقلىمىغان ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى بەرمىگەن. لى بوۋاي ئاچچىقىدا قايتىدىن ۋەسىيەت قالدۇرۇپ، تۆت يۈرۈش ئۆينى ئىككىنچى ئوغلى بىلەن ئۈچىنچى ئوغلىغا تەڭ بۆلۈپ بەرگەن. ئىككى ئايدىن كېيىن لى بوۋاي كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن، چوڭ ئوغلى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋەسىيەت بويىچە ئۆي تەقسىم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنداقتا لى بوۋاينىڭ ئىككى پارچە ۋەسىيىتىنىڭ قايسىسىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك؟
دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە ۋەسىيەت ئۆلچەم قىلىنىدۇ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋەسىيەت ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولمايدۇ. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 1142- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ئۆزى قالدۇرغان ۋەسىيەتنى قايتۇرۇۋالسا، ئۆزگەرتسە بولىدۇ. ۋەسىيەت قىلغۇچى ۋەسىيەت قالدۇرغاندىن كېيىن، ۋەسىيەتنىڭ مەزمۇنى بىلەن قارىمۇقارشى بولغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى قىلسا، ۋەسىيەتكە ئالاقىدار مەزمۇنلاردىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىدۇ. بىر نەچچە پارچە ۋەسىيەت قالدۇرغان بولۇپ، مەزمۇنى بىر-بىرىگە زىت بولسا، ئەڭ ئاخىرقى ۋەسىيەت ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ