دېلو مىسالى لاۋۋاڭ ھايات ۋاقتىدا شياۋمىڭدىن 200 مىڭ يۈەن قەرز ئالغان، شياۋمىڭ كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ قايتۇرمىغان. لاۋۋاڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شياۋمىڭ لاۋۋاڭنىڭ ئوغلى شياۋۋاڭنى تېپىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، شياۋۋاڭدىن دادىسى لاۋۋاڭ ئۆزىدىن ئالغان 200 مىڭ يۈەن قەرزنى قايتۇرۇش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان، شياۋۋاڭ سوتتا ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى، شۇڭا دادىسىنىڭ قەرزىنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنداقتا، سىزنىڭچە شياۋۋاڭ لاۋۋاڭنىڭ قەرزىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەكمۇ؟
دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش كېرەك ئەمەس. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 1161-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ۋارىسلىق قىلغۇچى ئېرىشكەن مىراسنىڭ ئەمەلىي قىممىتىنى چەك قىلىپ، مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بېجى ۋە قەرزىنى تۆلەيدۇ. مىراسنىڭ ئەمەلىي قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى ۋارىس ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتۇرسا بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. ۋارىس ۋارىسلىقتىن ۋاز كەچسە، مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بېجى ۋە قەرزىنى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىسىمۇ بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ