مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى ___

«بەشنى پۇختا ئىگىلەش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 20-قۇرۇلتاي روھىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

2022.10.22 14:44 مەنبە: خەلق تورى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەت ۋە يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى پۇختا ئىگىلەش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسىنى پۇختا ئىگىلەش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ بۇرچ-ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەش، ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ مۇھىم تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ دەۋر تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيەنىڭ 20-قۇرۇلتىيى __ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلغان ھالقىلىق پەيتتە ئېچىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. ئۇ، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەت ۋە يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى پۇختا ئىگىلەش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسىنى پۇختا ئىگىلەش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ بۇرچ-ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەش، ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ مۇھىم تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ دەۋر تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

  پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بەشنى پۇختا ئىگىلەش» __ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنىڭ ئەڭ توغرا چۈشەندۈرۈلۈشى، ئەڭ نوپۇزلۇق يېتەكچىلىكى، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئىدىيەۋى يېتەكچىسى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. «بەشنى پۇختا ئىگىلەش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پارتىيە بايرىقى ئاستىدا «بىر پارچە قاتتىق پولات»تەك ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر داۋامىدا تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىش لازىم

  «ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىدە تارىخىي سەكرەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى»، «خەلق تۇرمۇشى ھەر تەرەپلىمە ياخشىلاندى»... پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى ئىخچام ھەم چوڭقۇر يەكۈنلەر يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئون يىلدىن بۇيان، بىز پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈچ چوڭ ئىشنى باشتىن كەچۈردۇق: بىرىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق؛ ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى؛ ئۈچىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي غەلىبىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا چاقنىغان تارىخىي غەلىبە، شۇنداقلا دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن تارىخىي غەلىبە.

  ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەت ۋە يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنىڭ نېگىزى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغانلىقىدا. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  چىڭخۇا داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل چيۇ يۇڭ مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولۇپ، جۇڭگو خەلقى تېخىمۇ كۈچلۈك تارىخىي ئاڭلىقلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى، ئىلمىي سوتسىيالىزم 21-ئەسىردىكى جۇڭگودا يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.»

  خەينەن ئۆلكىسى لىڭشۈي لىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ۋېنلو بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋۇشىڭ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل خۇاڭ لىپىڭ چوڭقۇر تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدى: «كەنتىمىزدە 2014-يىلى يەنە 168 نامرات ئائىلە بار ئىدى، كېيىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ھازىر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى بارغانسېرى ئاشتى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، ئاممىۋى مۇلازىمەت كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. بىز تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، بەختلىك يۇرت-ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىمىز.»

  ئۆتكەن بەش يىل ۋە يېڭى دەۋردىن بۇيانقى ئون يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىنتايىن ئالاھىدە بولدى. بۇ ئون يىلدا، قىرغاققا چىقىشتىكى خەتەرلەر، داۋانغا چىقىشتىكى جاپا-مۇشەققەتلەر، ئۆتكەلدىن ئۆتۈشتىكى قىيىنچىلىقلار بار بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەر ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  «بۇ يىل 9-ئاينىڭ 24-كۈنى تاپشۇرۇلغان <يېڭى يىدۇن> ناملىق 100-پاراخوتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.» داليەن كېمىسازلىق ئېغىر سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى، ۋەكىل گۇەن يىڭخۇا پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ كېمىسازلىق سانائىتى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، كىشىنى روھلاندۇردى. «جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخىي ئىشەنچى __ كۈرەش نەتىجىلىرىگە بولغان ئىشەنچ، ھەم كۈرەش روھىغا بولغان ئىشەنچ. بىز داۋاملىق يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھالقىلىق يادرولۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.»

  جياڭشىنىڭ جىڭدېجېن شەھىرى 1000 يىللىق قەدىمىي بازار، خەلقئارا فار-فور شەھىرى بولۇپ، تارىختا پۈتۈلگەن «فار-فور بۇيۇملار جاھانغا مەشھۇر» بولغان مەنزىرە يارىتىلغان، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا ئۆزگىچە مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىگە ئىگە. جياڭشى ئۆلكىسى جىڭدېجېن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فېڭ مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <بەشنى پۇختا ئىگىلەش> تەلىپى بويىچە پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ساپالچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشى، ئىجادىي تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ساپالچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى، تارقىتىش كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ جىڭدېجېننى «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم ۋاسىتىسى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىدىغان ئىسىم كارتىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.»

  پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدىكى يېڭىلىق يارىتىشىدا تارىخىي ئاڭلىقلىق نامايەن بولدى

  ئىلمىي ئىدىيە نەزەرىيەسى ئاجايىپ ئۇلۇغ ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلماقتا؛ ئۇلۇغ ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز نەزەرىيە جەھەتتە دادىل ئىزدىنىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، زور نەزەرىيەۋى يېڭىلىقلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بەرپا قىلىپ، ماركىسىزىمنى جۇڭگۇچىلاشتۇرۇش، دەۋىرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگۇ كوممۇنىستلىرىنىڭ جۇڭگۇنىڭ سوئالىغا، دۇنيانىڭ سوئالىغا، خەلقنىڭ سوئالىغا، دەۋىرنىڭ سوئالىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاۋاب بېرىشتەك يۈكسەك تارىخىي ئاڭلىقلىقنى نامايەن قىلدى.

  «بەشنى پۇختا ئىگىلەش»نىڭ بىرى «يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى پۇختا ئىگىلەش»تىن ئىبارەت. مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت-ماتېرىياللار تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل چۈ چىڭشەن مۇنداق دېدى: «چوقۇم خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇش، توغرا يول تۇتۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، قەلبىگە خەلقنى پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ ئالتە مەزمۇن ئۆز ئارا باغلىنىشلىق، ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسى، پارتىيەمىزنىڭ ئەمەلىيەت ئاساسىدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈشىنىڭ تۈپ تەلىپى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادكارلىقتىكى ئاڭلىقلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، قەتئىيلىكىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى».

  نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن چاغدا، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىشى كېرەك. ۋەكىللەر بەس-بەستە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تۇرغۇزۇش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسكىن بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى سىناق يولىدا داۋاملىق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتىش كېرەك.

  خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل جۇ گوشيەن مۇنداق قارىدى: «خۇنەنگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇھىمى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئېغىر ۋەزىپىنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، ئوتتۇرا قىسىمنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى مەسئۇلىيەتنى نامايان قىلىشى كېرەك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش جەھەتتە يېڭى تەجرىبىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. جۇڭگو ئاشلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۇختىلاپ، يېڭى دەۋردىكى بېلىق، گۈرۈچ ماكانى قۇرۇش كېرەك».

  تارىخ ھامان ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا ئىلگىرىلەيدۇ، بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بۇرچى بولىدۇ. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىردىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتۇر.

  ۋەكىللەر بەس-بەستە مۇنداق دېيىشتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل جاڭ جۇڭجۈن مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ <جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش>نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتەك تارىخىي ئاڭلىقلىقىنى نامايان قىلدى».

  خېنەن ئۆلكىسى جىيۈەن كەسىپ ئارقىلىق شەھەرلەرنى يۇغۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جىيۈەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شى بىڭرۈي مۇنداق دېدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتقان، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتىنى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى، بىز چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز كېرەك.

  جىيۈەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، رايون، كەسىپ بىلەن شەھەر، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك زامانىۋىلاشقان ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

  بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىش جەريانىدا تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتەيلى


  ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇلۇغۋار نىشاننى ئورۇنداش كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، دەۋر بۇرچىنى دادىل زىممىگە ئېلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ۋەزىيەتكە قاراپ پىلان تۈزۈپ، ۋەزىيەتكە قارىتا ھەرىكەتكە كېلىپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، يېڭى، ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىمىز.

  جىلىن ئۆلكىسى جىلىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل خې جىلياڭ مۇنداق دېدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىكى <ئىككى باسقۇچ بويىچە مېڭىش> ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتى. جىلىن شەھىرى دۆلەتنىڭ مۇھىم كونا سانائەت بازىسى شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قەتىي ئۈستىگە ئېلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، تەرەققىياتنى تېزلىتىشنى چۆرىدەپ بىرلىكتە ئويلاشقا، بىرلىكتە ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر، ۋەكىل شىن باۋئەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ-خەتەرنى ئەستىن چىقارماي، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كۆمۈر، ئېلېكتىر بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەنى ئەلالاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن بىخەتەر تەمىنلەشكە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېڭى موتور، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جاپالىق چېنىقىش ئىرادىسى بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «مىڭلىغان ئادەم رەنجىسە رەنجىسۇن، 1 مىليارد 400 مىليون ئادەمنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قۇيۇشقا بولمايدۇ» دەيدىغان بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت»نى ئاتتى. پارتىيە بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ مالىمانچىلىقنى تۈگىتىپ گۈللىنىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن ھالقىغان ئىككىنچى جاۋابىنى تاپتى، ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېڭىلاش، يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشتا بوشاڭ، يۇمشاق بولۇش ئەھۋالى تۈپتىن ياخشىلاندى.

  ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ مۇھىم تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ماھىيەتلىك خاسلىقىنى ئۆزگەرتمەسلىك، شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئۆزگەرتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنى باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇرىمىز.

  گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل فاڭ لىڭمىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ھەرگىز بوشىشىپ قېلىشقا، ئارام ئېلىۋېلىشقا بولمايدۇ. بىز «ئىمتىھان بېرىش يولى»غا ماڭغاندىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكىمىزنى مەڭگۈ ساقلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى «تۆت ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق» بولۇشنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى پۇختا ئىگىلەپ، مەڭگۈ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىمىز.

  ۋەكىللەر بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت دەۋر تەلىپىنى چوقۇم پۇختا ئىگىلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ يارقىن سەھىپىسىنى يارىتىمىز.

  جېڭجوۋ داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى، ۋەكىل جۇ رۇڭفاڭ مۇنداق دېدى: ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىشىدىكى مۇقەررەر يول. يېڭى دەۋرنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، يېڭى مۇساپە كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، بىز گەپ جىق ئەلدىن بەرىكەت قاچار، ئىش جىق ئەلگە بەرىكەت ياغار دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دادىل ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشىمىز. ۋەكىللەر بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قەدەممۇ قەدەم ئۆزلەشتۈرۈپ، نەتىجە-ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ