مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 20-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىنىڭ 5-مەيدان كوللېكتىپ زىيارىتىگە قاتناشتى

2022.10.21 21:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە، 20-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى 5-مەيدان كوللېكتىپ زىيارەت ئۆتكۈزدى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈنلىن چىڭخەي، نىڭشيا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى، مەركەز كارخانىلىرى سىستېمىسى (بېيجىڭدىكى) ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىلىرى بىلەن بىللە كوللېكتىپ زىيارەتكە قاتناشتى.

  مۇخبىرلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدا سوئال سورىدى. جاڭ چۈنلىن جاۋاب بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 7-ئايدا شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەن چاغدىكى ھەم ئىللىق، ھەم كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان نەق مەيدان تەپسىلاتىنى نەق مەيداندىكى مۇخبىرلار بىلەن بىللە چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاممىغا «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك»لىكىنى ئېيتقاندا، مەيداندىكى مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ئاۋازلار بىردەك «زىچ ئويۇشىمىز» دەپ جاۋاب بەردى! جاڭ چۈنلىن مۇنداق دېدى: مانا بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئورتاق تونۇشى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتى. بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەلبلەر جەم بولۇشى، مەنىۋى يۆلەنچۈكى، ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە ئۈزلۈكسىز يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرىمىز.

  مالايسىيا دۆلەت ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، جاڭ چۈنلىن شىنجاڭنىڭ ئون يىلدىن بۇيان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئەمىن ئۆي، داۋالاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مۇقىملىق قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي تىرىشچانلىقى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ