مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

20-قۇرۇلتاي ئاخبارات باياناتچىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنى كۆرۈڭ

2022.10.16 01:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 16 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، خەلق سارىيىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

  20-قۇرۇلتاينىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تولۇق پۈتتى

  20-قۇرۇلتاينىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلىدۇ، يىغىن 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. نۆۋەتتە پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تولۇق پۈتتى.

  20-قۇرۇلتاي دوكلاتىنى تەييارلاشتا 4700 دىن ئارتۇق ئادەمدىن پىكىر ئېلىندى

  20-قۇرۇلتاي ئاخبارات باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دوكلاتنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى شەكىللەنگەندىن كېيىن، ھەرقايسى تەرەپلەردىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىندى، پىكىر ئېلىنغان ئادەم سانى جەمئىي 4700 دىن ئارتۇق بولدى.

  2296 نەپەر ۋەكىل سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى

  20-قۇرۇلتاي ئاخبارات باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 20-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق 2296 ۋەكىلنىڭ سالاھىيىتىنى كۈچكە ئىگە دەپ بېكىتتى. ئۇلار 4 مىليون 900 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە 96 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىغا ۋاكالىتەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدۇ.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ

  20-قۇرۇلتاينىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنداق دېدى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىدۇ. 1-ئومۇمىي يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

  پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا، 20-قۇرۇلتاي ئاخبارات باياناتچىسى نېمە دەيدۇ؟

  20-قۇرۇلتاينىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىدە، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بېكىتىلگەن مۇھىم نەزەرىيەۋى قاراش ۋە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەرنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى پارتىيە نىزامنامىسىدە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى، پارتىيە خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى تەجرىبىلەرنى تىرىشىپ تولۇق نامايان قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنىڭ پارتىيە خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىغا قويغان يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ