مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇلار نېمىشقا پارتىيە قۇرۇلتىيىغا سىرتتىن قاتنىشالايدۇ؟

2022.10.16 01:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلگىرىكى پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغانلار تىزىملىكىدە، پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىدىن باشقا، پارتىيە سىرتىدىكى نۇرغۇن تونۇش زاتلارمۇ بار ئىدى، ئۇلار نېمە ئۈچۈن كومپارتىيە ئەزاسى بولمىسىمۇ، پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتنىشالايدۇ؟

  1956-يىلى ج ك پ 8-قۇرۇلتىيى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا ئېچىلدى. ئۇ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىل بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ ئۇزاق ئۆتمىگەن بولغاچقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 8-قۇرۇلتىيىدا تۇنجى قېتىم دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار پارتىيە قۇرۇلتىيىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى. ج ك پ 12-، 13-قۇرۇلتىيى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنى يەنە بىر قېتىم سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنى پارتىيە قۇرۇلتىيىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش ئادەتكە ئايلاندى.

  كىملەر پارتىيە قۇرۇلتىيىغا سىرتتىن قاتنىشالايدۇ؟ قانچە ئادەم تەكلىپ قىلىنىدۇ؟

  بۇ ئىش ھەر قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1-يىغىنىدا ماقۇللىنىدۇ.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى مىسالغا ئالساق،

  2017-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 1-قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار ۋە مېھمانلارغا ئالاقىدار ئىشلار ماقۇللاندى.

  مېھمان سۈپىتىدە يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  ◆ ئىلگىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان ۋە ھازىر بولۇۋاتقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار؛

  ◆ بېيجىڭدىكى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى؛

  ◆ پارتىيە-گۇرۇھسىز ۋەكىل زاتلار؛

  ◆ دىنىي ساھەدىكى ۋەكىل زاتلار؛

  ◆ بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىدىكى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، پارتىيەسىز زاتلار ۋە مىللەت، دىن ساھەسىدىكى زاتلار بولۇپ جەمئىي 149 كىشى.

  ئىلگىرى تەكلىپ بىلەن سىرتتىن قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار

  يۈەن لۇڭپىڭ، ئاپېي ئاۋاڭجىنمېي، فېي شياۋتۇڭ، خو يىڭدۇڭ قاتارلىق داڭلىق زاتلار ئىلگىرى پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشقان. ئادەتتە، يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقۇچىلارنىڭ يىغىندا پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، لېكىن سايلاش ھوقۇقى ۋە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ. پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنى سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغاندىن باشقا، پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتى توغرىسىدا ئۇلاردىن پىكىر ئالىدۇ.

  بۇ تۈزۈم لايىھەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلىش بىلەن بىللە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ تەدبىر بەلگىلەشنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەزىيىتى ۋە تەلىپىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە ئىچى-سىرتىدىكى ئاكتىپلىقنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ، ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ