مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىدا بۇ ئۈچ چوڭ ئاپپارات قانداق يۈرۈشىدۇ؟

2022.10.16 01:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىدا بۇ ئۈچ چوڭ ئاپپارات قانداق يۈرۈشىدۇ؟

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئاپپاراتنىڭ قانداق پەرقى بار، ئۇلار ئادەتتە قانداق يۈرۈشىدۇ؟

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى — جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۇلار پارتىيە تەشكىلى سىستېمىسىنىڭ چوڭ مېڭىسى ۋە مەركىزىنى ئورتاق تەشكىل قىلىدۇ. پارتىيە نىزامنامىسىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ۋە ئۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مەركىزىي كومىتېت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنىنى تەشكىل قىلىدۇ.

  مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى — ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي ۋە رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.

  ئوخشاش بولمىغان قارالمىلار قاتارلىق ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى چاقىرىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ھەمدە تەدبىر بەلگىلىنىدۇ.

  ئاپپاراتلارنىڭ ئايلىنىشى

  مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي يېپىلغان مەزگىلدە، مەركىزىي كومىتېت پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، سىرتقا قارىتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەركىزىي كومىتېت ئەزالار ۋە كاندىدات ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ، ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ، ئۇنىڭ خىزمەت ھوقۇقى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە مۇزاكىرە قىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە قارار قىلىش قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك خىزمەت ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى يىلدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىننىڭ قارالمىسىنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە ئىچىدە بەلگىلىك دائىرىدە پىكىر ئالغاندىن كېيىن بېكىتىدۇ. مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى قاتناشقاندىلا ئېچىشقا بولىدۇ. مۇزاكىرە قىلىش ۋە قارار قىلىش ئىشلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن قول كۆتۈرۈش، يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئاۋازغا قويۇلىدۇ. مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، مەركىزىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى يۈرگۈزىدۇ. مەسىلەن، «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر ۋە ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلىش»، «چوڭ-چوڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىش ۋە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش» قاتارلىقلار.

  مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا سېلىشتۇرغاندا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى تېخىمۇ كۆپ ئېچىلىدۇ. ئادەتتە يىغىن قەرەللىك ئېچىلىدۇ، مۇھىم ئەھۋالغا يولۇققاندا خالىغان ۋاقىتتا ئېچىشقا بولىدۇ. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى يىغىننىڭ قارالمىلىرىنى بېكىتىدۇ ھەمدە يىغىن چاقىرىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئاپپارات مەركىزىي تەشكىلات سۈپىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ئاپپاراتى، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي يادروسىدۇر. ئۇلار يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، سىياسەت بەلگىلەپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى بىرتۇتاش ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ