مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چەت ئەل تاراتقۇلىرى 20-قۇرۇلتايغا نەزەر سالدى: جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يولىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىدۇ

2022.10.16 01:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيى پات ئارىدا بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. چەت ئەل تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئاجايىپ نەتىجىلىرىگە ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلدى ھەم 20-قۇرۇلتاينىڭ جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورى رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاكتىپ تەدبىرلەرنى بەلگىلەپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا سەھنىدە داۋاملىق ئادىل قائىدە ئورنىتىشى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

  چەت ئەل تاراتقۇلىرى 20-قۇرۇلتاينىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە كۆڭۈل بۆلدى. «دىپلوماتلار» ژۇرنىلى (The Diplomat) 20-قۇرۇلتاي دوكلاتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ دوكلات جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق نىشانى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى بەلگىلەيدۇ، دېدى.

  جۇڭگونىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئاجايىپ نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرغاندىن باشقا، «بۈگۈنكى پاكىستان» يەنە، 20-قۇرۇلتاي جۇڭگونىڭ 21-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئىككى باسقۇچلۇق تەرەققىيات پىلانىغا نەزەر سالىدۇ، بولۇپمۇ كەلگۈسى بەش يىللىق ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنى بايان قىلىدۇ، دېدى.

  زىمبابۋېدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك گېزىت «ئاۋانگارتلار گېزىتى» نۇرغۇن ماقالە ئېلان قىلىپ، 20-قۇرۇلتايغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تونۇشتۇردى. بۇ تاراتقۇنىڭ كۆزىتىشىچە، 20-قۇرۇلتاي جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىدىكى مۇھىم پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، قۇرۇلتاي ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپى، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەيدىكەن.

  «ئاۋانگارتلار گېزىتى»نىڭ يەنە بىر ماقالىسىدە، 20-قۇرۇلتاي جۇڭگونىڭ كەلگۈسى نەچچە يىل، ھەتتا نەچچە ئون يىللىق ئىلگىرىلەش يولى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى. خەۋەردە يەنە: ئىقتىسادشۇناسلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنىڭ يەنىلا مۇقىم ئىكەنلىكىنى، كەلگۈسىدىن قارىغاندا، جۇڭگو داۋاملىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، دېيىلدى.

  ۋىيېتنام ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ۋىيېتنام پارتىيەسى، دۆلىتى، ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ رەھبەرلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 73 يىللىقىنى تەبرىكلىگەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى مۇساپە باشلىشىغا چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن چەت ئەل تاراتقۇلىرى يەنە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق 20-قۇرۇلتاينى تونۇشتۇردى. مەسىلەن، ياپونىيە تارقىتىش جەمئىيىتى (NHK) 20-قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ۋە ئورنى، يىغىنغا قاتنىشىش ئەھۋالى قاتارلىق ئالاقىدار بىلىملەرنى تونۇشتۇردى ۋە چۈشەندۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ