مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بۇ ئون يىل»دىكى مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى

2022.10.16 01:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا مىسلى كۆرۈلمىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش، مەبلەغ سېلىش، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش، مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش قاتارلىق يۆلەش سىياسەتلىرى ئارقىلىق، مىللىي رايونلارنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، ئىلگىرىكى شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان نامراتلىق يىلتىزى تەدرىجىي ئۈزۈپ تاشلاندى. ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلار پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلدى، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە مىللىي رايونلاردىكى 31 مىليون 210 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى 420 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نوپۇسى ئازراق 28 مىللەتنىڭ ھەممىسى پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، تارىخىي ئۆزگىرىشنى كۈتۈۋالدى.

  ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى بىر قاتلىنىپ، ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە ئاشتى

  2012-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، مىللىي رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 5 تىرىليون 100 مىليارد يۈەندىن 11 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

  كۆلەمدىن قارىغاندا، 2019-يىلىدىن باشلاپ مىللىي رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنى بىر قاتلاش نىشانى 2020-يىلى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى؛ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 26 مىڭ 909 يۈەندىن 58 مىڭ 197 يۈەنگە يەتتى.

  ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن قارىغاندا، مىللىي رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى مۇقىم ئېشىپ، 2012-يىلىدىكى %9.5 تىن 2021-يىلى %10.3 كە يەتتى.

  ئېشىش سۈرئىتىدىن قارىغاندا، 2012-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، مىللىي رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.6 ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 1.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

  قاتناش سۈرئىتى تېزلىشىپ، ئۇل ئەسلىھە شارائىتى مىسلىسىز مۇكەممەللەشتى

  2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مىللىي رايونلارنىڭ تۆمۈريول تىرانسپورت مۇساپىسى 42 مىڭ كىلومېتىرغا، تاشيول مۇساپىسى 1 مىليون 343 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %27.7 ۋە %25.4 بولدى؛ 2012-يىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 16 مىڭ كىلومېتىر، 363 مىڭ كىلومېتىر كۆپىيىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %61.5، %37 ئاشتى.

  جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى

  2012-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، مىللىي رايونلاردىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىيات (R&D) خىراجىتى چىقىمى 27 مىليارد 670 مىليون يۈەندىن 71 مىليارد 160 مىليون يۈەنگە كۆپىيىپ، %157.2 ئاشتى؛ ئاممىۋى مالىيەنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە ۋە تاراتقۇ جەھەتتىكى چىقىمى 37 مىليارد 41 مىليون يۈەندىن 58 مىليارد 590 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %58.2 ئاشتى؛ دۆلەت ئىچىدىكى ئۈچ خىل پاتېنت (كەشپىيات، ئەمەلىي يېڭى تىپ، تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى)گە بېرىلگەن ھوقۇق 26 مىڭ تۈردىن 194 مىڭ 200 تۈرگە كۆپىيىپ، %646.9 ئاشتى.

  2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مىللىي رايونلاردا جەمئىي 752 ئاممىۋى كۇتۇپخانا، 778 مۇزېي بولۇپ، 2012-يىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 24ى، 378ى كۆپەيدى؛ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ 303 تىن 390 گە يېتىپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 2 مىليون 364 مىڭدىن 4 مىليون 589 مىڭغا يەتتى، مەخسۇس ئوقۇتقۇچى سانى 144مىڭدىن 211 مىڭغا يېتىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %28.7، %94.1، %46.5 ئاشتى، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى نىسبىتى 16.5 تىن 15.6 گە تۆۋەنلىدى؛ سەھىيە تېخنىكا خادىمى 867 مىڭدىن 1 مىليون 634 مىڭغا يېتىپ، %88.5 ئاشتى؛ داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىدىكى كارىۋات سانى 807 مىڭدىن 1 مىليون 402 مىڭغا يېتىپ %73.7 كۆپەيدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ