مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھەممىسى تىزىمغا ئالدۇردى

2022.10.16 01:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن پايتەخت بېيجىڭغا جەم بولدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ھەممىسى يىغىنغا تىزىمغا ئالدۇردى.

  تەنتەنىلىك بۇرچ ۋە مۇقەددەس مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان ۋەكىللەر پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى 10 يىلدا جايلار، ساھەلەرنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدەك خۇش خەۋەرلەرنى ئېلىپ كەلدى.

  «يېزا-كەنتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ئالەمشۇمۇل بولدى!» گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى رۇڭشۈي مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى جياڭمېن كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل ياڭ نىڭ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرى ئېگىز تاغدا مېۋىلىك كۆچەت ئۆستۈرۈپ ۋە ئېكولوگىيەلىك شال تېرىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركىسىنى ياراتتى، يانچۇقلار ئاز-ئازدىن تومپايدى. جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلدى، جياڭمېن كەنتىدىكى ئاممىمۇ باشقا جايلاردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىغا ئوخشاش نامراتلىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلۇپ، ياخشى كۈنگە ئېرىشتى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆزىتىش مەركىزى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى، ۋەكىل ليۇ باۋشيەن مۇنداق دېدى: «بېيجىڭدا كۆك ئاسماننى دائىم كۆرگىلى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئېرىشىش تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچەيدى. ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى باشتىن كەچۈرگۈچى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى، قاتناشقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. ئون يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەش، بولۇپمۇ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.»

  جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل چېن خاۋ مۇنداق دېدى: «دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز تەرەققىي قىلدى، بىز دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە كەسكىن. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، رول تۇتۇپ يول باشلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۇزاق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن چوڭ، مۇھىم ئىشلارنى قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتتى ۋە كېڭەيتتى. ئادەتتىن تاشقىرى ئون يىل كىشىلەرگە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.»

  ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: ئون يىلدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئاجايىپ نەتىجىلىرى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى بېكىتىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنىنى بېكىتىشى — پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى. بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا كەلگۈسى بەش يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرى ۋە مۇھىم سىياسەت-فاڭجېنلىرى ئىلمىي پىلانلىنىدىغان بولۇپ، ھەممە كىشىنى تەقەززا قىلىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇرچىمىز شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمىز ئېغىر، چوقۇم مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىننى بىرلىكتە ئىتتىپاقلىق يىغىنى، غەلىبە يىغىنى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يىغىنى قىلىپ ئاچىمىز.

  «يېڭى دەۋردىكى ئون يىلدا، مەن تېخىمۇ كۆپ تاغلىق رايوندىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش ئارقىلىق تاغدىن چىقىپ ئۆز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى، شۇنداقلا دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.» گۇيجوۋ ئۆلكىسى ۋاڭمو ناھىيەلىك تەجرىبە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، ۋەكىل ليۇ شيۇشياڭ مۇنداق دېدى: «مەن ۋەكىللىك ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىمنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىغا ئەستايىدىل قاتنىشىپ، تاغلىق رايون مائارىپىدا ئون يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ياخشى سۆزلەپ، تاغلىق رايون مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ-قۇۋۋىتىمنى سەرپ قىلىمەن.»

  تۇرۇشلۇق جايغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرى چېڭدۇڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىن كەلگەن ۋەكىل چېن جىشيۇ ئالدىراشلىق بىلەن يىغىندىن ئىلگىرىكى ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ماتېرىياللىرىنى قايتا رەتلەپ، يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلدى. «خەلقنىڭ ئارزۇسى — پارتىيە قەلبىنىڭ ئىنتىلىشى. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خەلق ئاممىسىنىڭ ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىققا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى قەلبىمگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيىتىمنى جان-دىل بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايمەن.»

  «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش شياۋگاڭ كەنتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.» ئەنخۇي ئۆلكىسى چۇجوۋ شەھىرى فېڭياڭ ناھىيەسى شياۋشىخې بازىرى شياۋگاڭ كەنتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل جوۋ چۈنجى مۇنداق دېدى: «مەن پۈتۈن زېھنىم بىلەن يىغىننى ياخشى ئېچىپ، يۇرتداشلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى يىغىنغا ئەينەن ئېلىپ كېلىمەن، كۆپچىلىك ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلساقلا، ئورتاق بېيىش داغدام يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز.»

  قەلبنى مۇجەسسەملەپ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىمىز، ھەممە بىر نىيەتتە كەلگۈسىگە يۈزلىنىمىز.

  ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا چوقۇم جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ يەنىمۇ مۇجەسسەملىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ