مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇشىنىڭ ئاساسى نېمە؟

2022.10.13 15:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «خەلقنىڭ مەيدانى — جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى.» خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش — جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق شانلىق نەتىجىسىنى يارىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى ياراتتى، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇشىنىڭ تۈپ ئاساسى.

  خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش — پارتىيەنىڭ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇشىنىڭ تۈپ ئاساسى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، خەلق ھەقىقىي قەھرىمان. ھەيۋەتلىك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى جۇڭگو خەلقى يازغان! مول مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى جۇڭگو خەلقى ياراتقان! جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ روھىنى جۇڭگو خەلقى يېتىلدۈرگەن! جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈرەش قىلىشىدىن كەلگەن!» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە قەتئىي ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب — خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ سىياسىي مەيداندا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرغانلىقىدا.

  يولداش شى جىنپىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى «خەلقنى مەركەز قىلغان» تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، خەلققە تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، پارتىيەمىز دىققەتنى خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشكە كۈچەپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.

  تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىگە باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ روشەن مەيدانى سىڭگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەمىز خەلقتىن كەلگەن، خەلق ئۈچۈن ياشايدۇ، خەلق ئۈچۈن گۈللىنىدۇ، جەزمەن باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن قەلبداش بولۇشى، خەلق بىلەن ھالاۋەتتىمۇ، جاپادىمۇ بىللە بولۇشى، خەلق بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.» خەلق — جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنىڭ تۈپ ئاساسى، خەلقنىڭ قوللىشى بولغاندىلا، پارتىيە بارلىق دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان ئەڭگۈشتەرگە ئىگە بولىدۇ؛ خەلق — پارتىيەنىڭ بارلىق جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، خەلقنىڭ ئىشەنچى بولغاندىلا، پارتىيە بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جاسارىتىگە ئىگە بولىدۇ؛ خەلق — پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى تۈپ تايانچى، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بولغاندىلا، پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «تارىخ خەلقنىڭ ئىزدىنىشى ۋە كۈرىشى داۋامىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ياراتتى، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يەنە ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلىرىنى ياراتتى.» خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش — جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق شانلىق نەتىجىسىنى ياراتتى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇشىنىڭ تۈپ ئاساسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ