مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى سىرتقا قارىتا كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتىنى رەسمىي باشلىدى

2022.10.13 15:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى سىرتقا قارىتا كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتىنى رەسمىي باشلاپ، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى مۇخبىرلارنىڭ 20-قۇرۇلتاينى زىيارەت قىلىشىنى مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونى بېيجىڭ مېيدىيا مەركىزى ۋە بېيجىڭ يېڭى ئەسىر رىخاڭ مېھمانخانىسىدا تەسىس قىلىندى. شۇ جايدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش رايونى، ئاخبارات ئېلان قىلىش رايونى، مۇخبىرلار خىزمەت رايونى، تاراتقۇلار خىزمەت رايونى، ماتېرىيال مۇلازىمەت رايونى، سىنلىق زىيارەت ئىشخانىسى، رادىيو-تېلېۋىزىيە سىگنالى مۇلازىمەت ئىشخانىسى، تور مۇلازىمىتى ئىشخانىسى، سۈرەت مۇلازىمىتى ئىشخانىسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنىپ، مۇخبىرلارنى ئاخبارات زىيارىتى، ماتېرىيال سۈرۈشتۈرۈش، ئاممىۋى رادىيو-تېلېۋىزىيە سىگنالى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇلازىمەت ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  20-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئاخبارات مەركىزى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش، توردا سىنلىق زىيارەت قىلىش، يازما زىيارەت قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى مۇخبىرلارنى مول مەزمۇنلۇق، قىزغىن، ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. يىغىن مەزگىلىدە، ئاخبارات مەركىزى چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى مۇخبىرلارنى نەق مەيداندا يىغىننىڭ قىسمەن مۇھىم قارالمىلىرىنى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللەيدۇ، پارتىيە ۋەكىللىرى يولىدا زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللەيدۇ؛ كۆپ مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە كوللېكتىپ زىيارەت قىلىشنى تەشكىللەيدۇ؛ چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى مۇخبىرلارنى بېيجىڭ شەھىرىدە ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت قىلىشقا تەشكىللەيدۇ؛ چېگرا سىرتىدىكى مۇخبىرلارنىڭ يىغىن ۋەكىللىرىنى ئايرىم زىيارەت قىلىشىنى ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئاخبارات مەركىزى مەخسۇس تور كۆرۈنمە چاستوتا زىيارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى مۇخبىرلار يېڭى ئەسىر رىخاڭ مېھمانخانىسىدا تور كۆرۈنمە چاستوتا مەخسۇس لىنىيەسى ئارقىلىق خەلق سارىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالى، مېيدىيا مەركىزىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالى ۋە ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى تۇرۇشلۇق جايلارنىڭ كۆرۈنمە چاستوتا زىيارەت ئۆيى بىلەن ئۇلاپ زىيارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئاخبارات مەركىزى يەنە چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى مۇخبىرلارنى ياتاق ۋە قاتناش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، مۇخبىرلارنىڭ ئاخبارات مەركىزى تەشكىللىگەن مۇھىم زىيارەتلەرگە قاتنىشىشىغا قولايلىق ياراتتى.

  20-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىدە ئاخبارات مەركىزى ئورگان تورى ۋە ئالاقىدار سۇپىلاردا ھېسابات نومۇرى ئېچىلدى. چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى مۇخبىرلار ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلىسە ھەمدە ئورگان تورىنىڭ «مۇخبىرلار مەخسۇس رايونى» ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ زىيارەت ماتېرىيالىغا ئېرىشسە بولىدۇ. ئاخبارات مەركىزى يەنە چېگرا سىرتىدىكى مۇخبىرلار تىزىملىتىش سىستېمىسى ۋە ۋەكىللەرنى زىيارەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش سىستېمىسىنى ئېچىپ، چېگرا سىرتىدىكى مۇخبىرلارنىڭ يىغىننى زىيارەت قىلىشقا تىزىملىتىش ھەم قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى زىيارەت قىلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ