مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى ۋە ئالاقىدار سۇپا تورغا چىقىرىلدى

2022.10.11 14:55 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ 20-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى دېيىلىدۇ) http://20th.cpcnews.cnۋە ئالاقىدار سۇپا (ئۈندىدار سۇپىسى: cpcnc20th، مىكرو بىلوگ سۇپىسى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى، باش خەۋەر نومۇرى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى ) 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت نۆلدە رەسمىي ئېچىلدى، ھەر قايسى سۇپىلار يىغىن ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنى قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  20-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى تاراتقۇلىرىنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايەن قىلىپ، نوپۇزلۇق ئېلان قىلىش، زىيارەت مۇلازىمىتى، تاراتقۇلار كۆرگەزمىسى، ماتېرىيال تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، ھەممە تاراتقۇلار، كۆپ تېرمىنال، كەڭ قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 20-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى PC تېرمىنالى بىلەن كۆچمە تېرمىنالنى ماسلاشتۇرۇشنى قوللايدۇ، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە قوش تىل نۇسخىسى ۋە فىرانسۇزچە، روسچە، ئەرەبچە، ئىسپانچە قاتارلىق تىللاردا 20-قۇرۇلتايغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئابونتلار يەنە تور بېكەتتە 20-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئىسىملىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاساسىي بىلىملىرى، ھەر نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ئۇچۇرلىرى قاتارلىق ماتېرىياللارنى كۆرەلەيدۇ.تور بېكەتنىڭ بەت كۆرۈش سېزىمىگە نۆۋەتتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى لايىھە ئامىللىرى قوللىنىلغان بولۇپ، جۇشقۇنلۇق، ئىخچام ئۇسلۇب گەۋدىلەندۈرۈلگەن، مۇلازىمەت ئىقتىدارىغا ئەھمىيەت بېرىلگەن، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى كۈچەيتىلگەن. تور بېكەت يىغىن ئۇچۇرلىرى ۋە ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت پائالىيىتى ئېلانى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ. تور بېكەت يەنە «مۇخبىرلار مەخسۇس رايونى» تەسىس قىلىپ، تىزىمغا ئالدۇرغان جۇڭگو ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  20-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئالاقىدار سۇپا ھېسابات نومۇرىمۇ (ئۈندىدار سۇپىسى: cpcnc20th، مىكرو بىلوگ ھېسابات نومۇرى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى، باش خەۋەر نومۇرى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى) بۇ قېتىمقى 20-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تەمىنلىگەن ئالاھىدە مۇلازىمەت مەزمۇنى بولۇپ، 20-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ ئىقتىدارى ۋە مەزمۇنىغا تايىنىپ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ھەرىكەتچان ئۇچۇر ئېلان قىلىش، مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار ئالاقىدار سۇپا ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق 20-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىنىڭ تۈرلۈك مۇلازىمەت مەزمۇنلىرىنى ئىگىلىيەلەيدۇ.

  20-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى ۋە ئۈندىدار سۇپىسىنى يۈرۈشتۈرۈشنى خەلق تورى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاخبارات تورى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ خەلق تورى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاخبارات تورىنىڭ 17-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى، 18-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى، 19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچقاندىن كېيىن، ئۇدا 4-قېتىم پارتىيە مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتىنى ئېچىشى.

  پارتىيە 20-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى ئۈندىدار سۇپىسى ئىككىلىك كودى:

  پارتىيە 20-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى مىكرو بىلوگ ئىككىلىك كودى:

  پارتىيە 20-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى باش خەۋەر ئىككلىك كودى:

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ