مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىچۈەن پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇردى (20-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى)

2022.10.11 13:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتار-قاتار يەككە كىرىستاللار پېچتا يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىپ، ئالدىن سوۋۇتۇپ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، يېڭىلا پېچتىن چىققان يەككە كىرىستال كىرېمنىي تاياقچىسى كۈمۈشتەك پارقىراپ تۇراتتى، سىچۈەن ئۆلكىسى لېشەن شەھىرى جىڭيۈنتۇڭ يېڭى ماتېرىيال پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ 1-قارارلىق 12 گىگاۋاتلىق يەككە كىرىستال تارتما تاياقچە كېسىش چاسا تۈرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى.

  «تۈرنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى ئاساسەن تاماملىنىپ بولدى، بىز 2-قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قانات يايدۇرۇپ، ئوت يېقىپ مەھسۇلات ئاشۇرۇش نىشانىنى بالدۇرراق تاماملاشنى قولغا كەلتۈردۇق.» لېشەن جىڭيۈنتۇڭ شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ پېڭ مۇنداق دېدى: «2-قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان، شەھەر-رايون ئىككى دەرىجىدىكىلەر ھەمكارلىشىپ توك ئىشلىتىش، ئىشچى ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشتە بىزنى تولۇق كاپالەتلەندۈردى.»

  مۇلازىمەت تېزلىتىلىپ، ماشىنىلار ئايلىنىپ، زاكاز كۆپەيدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، لېشەن ئۇدا ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈرلەرگە ئاتلىنىش، مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشكە ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپلا قالماي، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇردى. بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە شەھەر بويىچە كىرىستال كىرېمنىيلىق فوتوۋولت كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 37 مىليارد 370 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى.

  تۈر قۇرۇلۇشى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى تولۇق غەيرەتكە كەلدى. سىچۈەننىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالماقتا.

  «بىر مەزگىلدىن بۇيان، سىچۈەن كۆپ خىل قىيىنچىلىق، كۆپ خىل خەۋپ-خەتەرگە ئۇچراپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا خېلى زور زەربە ئېلىپ كەلدى.» سىچۈەن ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ بېي مۇنداق دېدى: چوڭ-چوڭ تۈرلەرنىڭ بىر ئۇچى ئېھتىياجغا، بىر ئۇچى تەمىناتقا باغلانغان بولۇپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، تەمىنات قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. سىچۈەن ئۆلكىسى قاتناش-تىرانسپورت، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، شەھەرنى يېڭىلاش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى مۇھىم، زور تۈرلەرنى چۆرىدەپ مەخسۇس بەن چىڭ تۇتۇش، ئاخىرغىچە تۇتۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس بەننىڭ تۈرتكىلىك ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

  سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى تيەنفۇ خەلقئارا كارتون شەھەرچىسى قۇرۇلۇش مەيدانىغا كىرگەندە، كۆز ئالدىمىزدا مۇنارسىمان كىران قەد كۆتۈرۈپ، قۇلاق تۈۋىمىزدە ماشىنىلار گۈركىرەپ تۇراتتى. ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن، چېڭدۇ شەھىرىنىڭ چېڭخۇا رايونىدا ئىككى مەخسۇس بەن قۇرۇلۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ياردەم بەردى، يېتەكچىلىك قىلدى ھەم مۇددەتتىن بۇرۇن ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى مەيدانغا كىرىشكە ماسلاشتۇردى. سىچۈەن ساياھەت مەبلەغ سېلىش شىركىتى كارتون دۇنياسى ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شيې جيايى مۇنداق دېدى: «قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بىرىنچى ۋاقىتتا مەيدانغا كىردى، پەقەت ئۈچ كۈندىلا، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى 50 كىشىدىن 400 نەچچە كىشىگە كۆپىيىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىندى.»

  سىچۈەننىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ، ئىشلارنى تېزلىتىپ، كېڭىشىش تۈرلىرىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، كېلىشىم ئىمزالىغان تۈرلەردە بالدۇرراق ئىش باشلاپ، قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پۈتكەن تۈرلەرنى مەھسۇلاتقا، ئۈنۈمگە يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈر سېلىنمىسى سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

  ميەنياڭ شەھىرى فۇچېڭ رايونى لىنگاڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات رايونىدا، 12 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان يېڭىلىق يارىتىش يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالىنىپ ئىش باشلاندى. «بۇ تۈردە ئۇدۇللىشىپ كېلىشىم ئىمزالاشتىن ئىش باشلاشقىچە 83 كۈنلا كەتتى.» ئىش باشلاش نەق مەيدانىدا، شېنجېن شەھىرى چۇاڭمىڭ يېڭى ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى مېڭ جىچېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سىلىندىرسىمان لىتىيلىق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش، ياساش بازىسى بەرپا قىلىمىز، تولۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ تەخمىنەن 30 مىليارد يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەندى.»

  9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، سىچۈەن ئۆلكىسى بۇ يىل نۇقتىلىق تۈرلەرگە 626 مىليارد 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملىدى، مەبلەغ سېلىش تاماملىنىش نىسبىتى %97.2 كە يەتتى.

  سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا، سىچۈەن تۈر سېلىنمىسىنى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سۈپىتىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇتۇپ، ساقلاپ تۇرمايدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، سۆرەلمىلىك قىلمايدىغان كىرىزىس تۇيغۇسى، ئولتۇرمايدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن تۈر قۇرۇلۇشىنى مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىيىتى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ