مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گۇيجوۋ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى (20-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى)

2022.10.11 03:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 7-كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى تۇڭرېن شەھىرى جياڭكوۋ ناھىيەسىدىكى ئىككى ئاممىۋى قاتناش شىركىتى ناھىيەلىك يېزا ئامانەت-قەرز بىرلەشمە كوپىراتىپىدىن 6 مىليون يۈەن قەرز ئالدى، رەنە قويۇش ۋە كېپىللىك قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆسۈم نىسبىتى 2.7 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى، ھەر يىلى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى 162 مىڭ يۈەن تۆۋەنلىدى.

  جياڭكوۋ ناھىيەسى فەنجىڭشەن تېغىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكى روشەن. دېھقان ئائىلىلىرى، كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر قاتارلىق بەش خىل بازار سۇبيېكتىغا قارىتا، جياڭكوۋ ناھىيەلىك يېزا ئامانەت-قەرز ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپى بۇ يىل 9-ئاينىڭ بېشىدا گۇيجوۋدىكى تۇنجى ئېكولوگىيە ئىسچوتى بولغان «فەنجىڭ ئېكولوگىيە ئىسچوتى»نى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۈلۈك، ئېكولوگىيەلىك تىجارەت، ئېكولوگىيەلىك تۇرمۇش، ئېكولوگىيەلىك ئاممىۋى پاراۋانلىق قاتارلىق كۆپ ئۆلچەمدىن خېرىدار سۇبيېكتىنىڭ ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىپ، ئېكولوگىيە جەملىمە نومۇرغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندىن كېيىن، دەرىجىسىنى باھالاپ ئىناۋەت بېرىش، ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە باھا بېكىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلدى.

  «ئىككى ئاممىۋى قاتناش شىركىتى ئىشقا كىرىشتۈرگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار ھەر يىلى 650 توننىدىن ئارتۇق يېقىلغۇ ماينى تېجەپ، 3080 توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد قويۇپ بېرىشنى ئازايتتى، ئۇلار بۇ ئېكولوگىيە تۆھپىسىگە تايىنىپ ئېتىبار قەرز ئالدى.» جياڭكوۋ ناھىيەلىك يېزا ئامانەت-قەرز بىرلەشمە كوپىراتىپى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋۇ مېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، يېزا ئامانەت-قەرز بىرلەشمە كوپىراتىپى ئېكولوگىيە ئىسچوتى ئارقىلىق 308 بازار سۇبيېكتىغا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ ئىناۋەت تىكلىدى، 55 مىليون 570 مىڭ يۈەن ئىناۋەت قەرز پۇلى بەردى، ھېسابات جەملىمە نومۇرى ئاساسىدا 193 قېتىمدا 13 مىليون 700 مىڭ يۈەن قەرز پۇل تارقاتتى.

  جياڭكوۋ ناھىيەسىنىڭ «فەنجىڭ ئېكولوگىيە ئىسچوتى»دىن ئىبارەت يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى گۇيجوۋنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم گۇيجوۋغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، گۇيجوۋدىن «تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيەدىن ئىبارەت ئىككى تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش، شەرقىي قىسىمدىن پەرقلىنىدىغان، غەربىي قىسىمدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە ئوخشىمايدىغان تەرەققىيات يېڭى يولىدا مېڭىش»، «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجە يارىتىش»نى تەلەپ قىلدى.

  ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمى سىنىقىنى تېزلىتىپ، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بىرتۇتاش بېكىتىش تىزىملاش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلىمى قاتارلىق مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك... گۇيجوۋ ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيەدىن ئىبارەت ئىككى تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات يېڭى يولىنى تىرىشىپ ئاچتى.

  ئىلگىرى، قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈن، ليۇپەنشۈي شەھىرى شۈيچېڭ رايونى يىڭپەن مياۋزۇ-يىزۇ-بەيزۇ يېزىلىرى ئورماننى بۇزۇپ بوز يەر ئاچاتتى، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى بىر مەزگىل %10 كە چۈشۈپ قالغان ئىدى. يىڭپەن يېزىسى ئېكولوگىيەنى ياخشىلاشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بىر تەرەپتىن كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، بىر تەرەپتىن ئېكولوگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلدى. ھازىر يىڭپەن يېزىسىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %69.2 كە يېتىپ، يېزا ئىگىلىك كەسپى ۋە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

  ئون يىلدىن بۇيان، گۇيجوۋ ئېكولوگىيەنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تاشلاندۇق يەرلەرنى تۈزەش كۆلىمىنى 13 مىڭ 100 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتكۈزۈپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 2012-يىلىدىكى %47 تىن 2021-يىلىدىكى %62.12 كە يەتكۈزدى.

  گۇيجوۋ ئۆلكىلىك پارتكومدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گۇيجوۋ ئۆلكىسى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداشنىڭ ماس، ئورتاق ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ