مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ ھەم تاشقى كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتىنى باشلايدۇ

ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئېچىلىدۇ

2022.10.10 10:30 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار تەرەپتىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن ھەم تاشقى كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتىنى باشلايدىكەن. ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش مۇلازىمەت رايونى بېيجىڭ شىنشىجى رىخاڭ مېھمانخانىسىغا تەسىس قىلىنغان.

  ئاخبارات مەركىزى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى زىيارەت قىلىشقا كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، تەيۋەن رايونىدىكى تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە چەت ئەل تاراتقۇ مۇخبىرلىرىغا قىزغىنلىق بىلەن زىيارەت كىنىشكىسىنى بېجىرىپ بېرىدۇ، زىيارەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدۇ، قۇرۇلتاينىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنى تەشكىللەيدۇ، مۇخبىرلارنى قۇرۇلتاينىڭ زىيارەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى (http://20th.cpcnews.cn) ۋە ئالاقىدار سۇپا نومۇرى (ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى، شىنلاڭ ۋىيبو نومۇرى، بۈگۈنكى باش خەۋەر نومۇرى) 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سائەت نۆلدە ئېچىلىپ، قۇرۇلتاي ئۇچۇرى ھەمدە ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت پائالىيىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى قاتارلىقلار ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ. تور بېكىتىدە «مۇخبىرلار مەخسۇس رايونى» تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرغان جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئاخبارات مەركىزى چېگرا ئىچىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 68356200، 68356300، فاكس تېلېفونى: 68356700، 68356800؛ شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن مۇخبىرلىرىنى كۈتۈۋېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 68350700، 68350800، فاكس تېلېفونى: 68350900، 68351900؛ چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى كۈتۈۋېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 68350100، 68350200، فاكس تېلېفونى: 68350400، 68350500.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ