مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەنشى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى(20-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى)

2022.10.09 12:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لېۋېن، گۇڭ شىجيەن

  لىق دېتال قاچىلانغان سۆرەش ماشىنىلىرى ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم ئاقما لىنىيەدە مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى . . . ئالتۇن كۈز پەسلىدە، شەنشى ئۆلكىسى شىئەن يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى بىيادى ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىدا، پرېسلاش، كەپشەرلەش، سىلىقلاپ بېزەش، ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇش قاتارلىق تېخنولوگىيەلىك تەرتىپلەردىن كېيىن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئارقا-ئارقىدىن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن چۈشۈۋاتاتتى.

  «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىشتا، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك»دېدى بىيادى شىئەن رايونىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ جېنيۈ تونۇشتۇرۇپ ۋە يەنە مۇنداق دېدى: «ھازىر، بىيادى شەنشىدە بىر تۈركۈم يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل نۇقتىلىق تۈرلىرىنى يولغا قويدى، پۈتۈن ئاپتوموبىل، باتارىيە، ئېلېكتىر موتور، توك تىزگىنلەش قاتارلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىگە چېتىلىدۇ».

  دىققەتنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شەنشى ئۆلكىسى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى (يېڭى ئېنېرگىيەلىك) كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى(2021 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە)نى تۈزۈپ ئېلان قىلدى، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى. بىيادىدىن باشقا، شەنشىدە يەنە شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى، شىئەن جىلى ئاپتوموبىل شىركىتى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ۋە سەنشىڭ خۇەنشىن، جۇڭدى لىتىي باتارىيەسى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق كارخانىلار توپلىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ توپلىنىپ تەرەققىي قىلىش كۈچلۈك ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.

  شەنشى ئۆلكىلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ليۇ بو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەنشى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى تېز ئۆستۈرۈپ، شىئەن چىڭتەيكې يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم كەسىپ زەنجىرىدىكى بىرلەمچى، ئىككىلەمچى يانداش كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، لايىھەلەش، ئاچقۇچلۇق زاپچاس ۋە پۈتۈن ئاپتوموبىل ياساش، بازار مۇلازىمىتى قاتارلىق ھالقىلارنى قاپلىغان مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلدى.

  «ئەينى يىلى شىئەن يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشقاندا، بۇ يەرنىڭ ياخشى ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغانىدى. ھازىر كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى شەنشىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسىپ زەنجىرىنىڭ پايدىسىدىن بولدى» دېدى چىڭتەيكې شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ لېي. 10 كىشىلىك دەسلەپكى ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپىدىن باشلاپ، چىڭتەيكې شىركىتى ھازىر تەرەققىي قىلىپ 50 نەچچە تۈرلۈك دۆلەت پاتېنتىغا ئىگە مەخسۇس، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى كارخانىغا ئايلاندى.

  شىشيەن يېڭى رايونى فېڭشى يېڭى شەھەرچىسى ئاپتوماتىك ھەيدەشنى سىناش بۆلىكىدە، ئۈچ ئاپتوماتىك مىنىبۇس تەخمىنەن 25 كىلومېتىرلىق سىناق بۆلىكىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. شىئەن شاڭتاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ سودا ئىشلىرى مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى ۋاڭ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئاپتوموبىلغا لازېرلىق رادار، مىللىمېتىر دولقۇنلۇق رادار ۋە ئۇلترا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كامېرا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل ئەتراپىدىكى تۈرلۈك يول ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى 360 گرادۇسلۇق سېزەلەيدۇ.» نۆۋەتتە، شەنشى ئۆلكىسى تۇنجى تۈركۈمدە ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يولدا سىناش نومۇر تاختىسىدىن بەشنى تارقىتىپ، ئەشيا ئوبوروتى ساھەسى، ئىستىراھەت سورۇنى ۋە ئاممىۋى قاتناش ساھەسىگە ئىشلەتتى.

  ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورغا ئۇلانغان ئاپتوموبىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش سىستېمىسى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. چىنچۇاڭ ئىجادىي يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش سۇپىسىغا تايىنىپ، شەنشى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تىزىملىكىنى چۆرىدەپ يېڭىلىق يارىتىش كۈچلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورلاشقان ئاپتوموبىلچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قاتارلىق تەتقىقات سۇپىلىرىنى قۇرۇپ چىقتى.

  شەنشى ئۆلكىلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەھسۇلات مىقدارى 607 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %324 ئاشقان. شەنشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كەلگۈسىدە، شەنشى ئۆلكىسى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورلاشقان ئاپتوموبىلغا ئالاقىدار مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلىتىپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاساسىي ئەۋزەللىك ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرىدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ