مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇلانمۇچىر پارتىيەنىڭ ساداسى ۋە غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى (20-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى)

2022.10.09 00:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى تۇچۈەن ناھىيەسى تۇچۈەن بازىرىنىڭ مەركىزىي مەيدانىدا، «قەلبىمدىكى مەدھىيەنى پارتىيەگە بېغىشلايمەن» دېگەن ناخشا نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئارقىدىنلا، مەيدان ئويۇنى «كىچىك كەنت مېھىربانلىققا تولدى»، «ئەتىكى بەخت» قاتارلىق نومۇرلار بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ نامايان بولۇپ، يۇرتداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  «ياخشى ئوينىدى، تېخى كۆرۈپ قانمىدۇق!» ھەر بىر نومۇر ئاخىرلاشقاندا، چارۋىچى جاۋ جىنپىڭ ئالقىش ياڭراتتى، «پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشى، چىن كۆڭلىمىزدىن خۇشال بولدۇق» دېيىشتى.

  بۇ، تۇچۈەن ناھىيەسىدىكى ئۇلانمۇچىر ئەترىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنىڭ بىر بۆلىكى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇلانمۇچىر ئەترىتى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ، «پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش»نى باش تېما قىلىپ، بىر تۈركۈم ئېسىل، ئاساسىي قاتلامغا يېقىن ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلدى.

  «بىز ‹ئۇلانمۇچىر +› ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاپتونوم رايون، ئايماق-شەھەر، خوشۇن-ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ‹خۇشاللىق يەتكۈزۈش، مەدەنىيلىك يەتكۈزۈش› ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت شۆبە ئەترىتىنى تەشكىللىدۇق، ھەربىر شۆبە ئەترەت ئوندىن كەم بولمىغان گاجا كەنتى (مەھەللە) مۇلازىمەت نۇقتىسىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ، ھەربىر نۇقتىدا مۇلازىمەت قىلىش ۋاقتى بىر كۈندىن كەم بولمايدۇ.» ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى قويۇلۇپلا قالماي، يەنە نەزەرىيە تەشۋىقاتى، كىنو قويۇش، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، دېھقان-چارۋىچىلار ئەمەلىي ئۇنىۋېرسال پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەندى.

  ھازىرغا قەدەر، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 75 ئۇلانمۇچىر قوشۇنى جانلىنىپ، ئەزالىرى 3500 دىن ئاشتى، فۇنكسىيەسىمۇ ئەڭ دەسلەپكى «تەشۋىقات، ئويۇن قويۇش، كونسۇلتاتسىيە، مۇلازىمەت»تىن «ئىجادىيەت، ئويۇن قويۇش، تەشۋىقات، كونسۇلتاتسىيە، مۇلازىمەت، ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش»قا كېڭىيىپ، يېزا، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا يىلتىز تارتقان ئۆزگىچە ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە مىللىي مەدەنىيەت بەلگىسىگە ئايلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە 90-يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %38.7 كە، ئالىي مەكتەپتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئەزالارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %64.2 كە يەتتى.

  ياش كۈچلەرنىڭ قۇشۇلۇشى ئۇلانمۇچىر ئەترىتىنىڭ تەشۋىقات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشىنى تېزلەتتى. يېقىندا، يېڭى بارخۇسول خوشۇنىدىكى ئۇلانمۇچىر ئەترىتى بىر مەيدان توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش مەخسۇس ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ئۇزۇن كۈي، يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل، ئات باشلىق غېجەكنى تەڭ چېلىش، كوتو چېلىش قاتارلىق نومۇرلار قالتىس ئورۇنلىنىپ، ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئويۇننىڭ نادىر كۆرۈنۈشلىرى ئىنتېرنېت سۇپىسىدا تورداشلارنىڭ كۆپلەپ تارقىتىشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇلانمۇچىر ئەترەتلىرى تۈرلۈك يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىغا تايىنىپ، تۈرلۈك ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئەترەت ئەزالىرى كوللېكتىپ ھەمكارلىشىپ ياكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، 24 سائەت توختىماي مۇلازىمەت قىلىدىغان «رەقەملىك ئۇلانمۇچىر» قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى سەنئەت باشقارمىسى (ئۇلانمۇچىر ئىشلىرى باشقارمىسى)نىڭ باشلىقى سىچىندالاي مۇنداق دېدى: «پىلان بويىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇلانمۇچىر ئەترەتلىرى ئاساسىي قاتلامدا 8000 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويىدۇ، ھەر بىر ئۇلانمۇچىر ئەترىتى يېزىلارغا چۈشۈپ 100 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويىدۇ.»

  سۇنىت ئوڭ خوشۇنى ئۇلانمۇچىر ئەترىتىنىڭ باشلىقى جانا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزنى مەڭگۈ يايلاقتىكى ‹قىزىل ئەدەبىيات-سەنئەت چەۋەندازلىرى› بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى، بىز داۋاملىق تۇرمۇش مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، چارۋىچىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئەدەبىيات-سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ يېقىشلىق، كەڭ تارقالغان، ساقلىنىپ قالالايدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، پارتىيەنىڭ ساداسى ۋە غەمخورلۇقىنى يەتكۈزىمىز.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ