مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەت بويىچە يەر ئۈستى سۈيىنىڭ سۈپىتى «13- بەش يىل»دىن بۇيان ئۇدا «ئالتە قېتىم» ئۆرلىدى

ئادەم بىلەن سۇنىڭ ئىناق گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزايلى (يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇش . ئاجايىب ئون يىل)

2022.10.08 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرى يىندۇ رايونى شۈييې بازىرىدىكى جاڭ شياۋچىن ھەر كۈنى دېگۈدەك نەۋرە قىزىنى ئېلىپ جۇچۈەن دەرياسى بويىغا بېرىپ سەيلە قىلاتتى، ئۇ«سۇ بارغانسېرى پاكىزلىشىپ كېتىپتۇ، بۇنى كۆرۈپ خۇشال بولدم.» دېدى.

  ئون يىلدىن بۇيان، سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جايلارنىڭ سۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە يەر ئۈستى سۈيى سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىش كەسمە يۈز نىسبىتى %84.9 كە يېتىپ، 2012-يىلىدىكىدىن 23.3 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان، «13- بەش يىل»لىقيىرىك پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۇدا ئالتە قېتىم ئۆرلەش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. نۇقتىلىق ۋادىلارنىڭ سۇ سۈپىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، چاڭجياڭ دەرياسى، جۇجياڭ دەرياسى ۋادىلىرىنىڭ سۇ سۈپىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ئېقىن سۈزۈك، قىرغاق يېشىل، بېلىقلار ئۈزۈپ يۈرگەن تېيىز مەنزىرىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئېلىمىزنىڭ سۇ مۇھىتى سۈپىتىدە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى.

  بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك


  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز سۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە تۈزەش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنى، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنى قاتارلىق بىر قاتار قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈپ چىقتى، يەنە 20 نەچچە ئالاقىدار بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، سۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلىدى.

  جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدى ئېلىندى. 2015- يىلى، «سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانى» قىسقارتىلىپ «سۇ توغرىسىدىكى 10 ماددا» بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلۇپ، 10 ماددا، 238 تۈرلۈك كۈچلۈك تەدبىر بېكىتىلدى ھەم كونكرېت باشلامچى تارماقلار ۋە قاتناشقۇچى تارماقلار، ھۆكۈمەت، كارخانا، ئامما ئارىسىدا بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈلۈپ، زۇمرەت سۇنى قوغداش جېڭىدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭ ياخشى قىلىندى.

  «سۇ توغرىسىدىكى 10 ماددا» «سۇنى ياخشى ساقلاش»،«ناچار سۇنى تىزگىنلەش» كە كۈچىدى. ئىچىملىك سۇ مەنبەسى قاتارلىق سۇ سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان سۇنى زور كۈچ بىلەن قوغداپ، سۇ سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېغىر بۇلغانغان ناچار تۈردىكى سۇ، بولۇپمۇ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا، ئىشلەپچىقىرىشىغا بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان قارا سېسىق سۇ زور دەرىجىدە ئازايتىلدى.

  ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى. «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە مەركەزلىك ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھىتىنى قوغداش مەخسۇس ھەرىكىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونىدىكى قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇش تۈرلىرى قانۇن بويىچە ئېنىقلىنىپ، 2804 سۇ مەنبەسىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق مەسىلە تەكشۈرۈپ تۈزىتىلىپ، 770 مىليون ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى كۈچلۈك ئۆستۈرۈلدى. 2021 - يىلى، مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەردە ئۆلچەنگەن 876 مەركەزلىك ئىشلىتىلىدىغان ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنىڭ سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %94.2 بولدى.

  شەھەرلەردىكى قارا، سېسىق سۇنى تۈزەشتە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەردە يېڭىدىن 99 مىڭ كىلومېتىر پاسكىنا سۇ تۇرۇبىسى تورى بەرپا قىلىندى. قارا، سېسىق سۇنى تۈزەشكە بىۋاسىتە سېلىنغان مەبلەغ تەخمىنەن 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلغىنىشنى تۈزەش بىلەن بىللە يەرلىكنىڭ مەبلەغ سېلىشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى. 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ناچار تۈردىكى سۇنىڭ نىسبىتى تۆۋەنلەپ %1.2كە چۈشتى؛ 295 ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەردە قۇرۇلغان رايونلاردىكى قارا، سېسىق سۇ ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىلىپ، شەھەرلەردىكى قارا، سېسىق سۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شەھەرلەرنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى، ئاھالىنىڭ ياشاش مۇھىتى ياخشىلاندى.

  «دەريا ئىستراتېگىيەسى» يولغا قويۇلدى


  چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىپ، «كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىق»نى تەلەپ قىلدى؛ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىپ، «خۇاڭخې دەرياسىنى تىرىشىپ خەلققە بەخت يارىتىدىغان بەخت دەرياسى»غا ئايلاندۇرۇش يولغا قويۇلدى. دۆلەتنىڭ «دەريا ئىستراتېگىيەسى» بېكىتىلدى ۋە يولغا قويۇلدى.

  «دەريا بويىدا ئىلگىرى نۇرغۇن پىرىستان ۋە زاۋۇتلاربولۇپ، ھاۋانى غەلىتە پۇراق قاپلىغانىدى» دېدى جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭ شەھىرىدىكى بىر فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى ۋۇشەن تېغى ۋە دەريا بويىدىكى رايونلارنىڭ مەنزىرىسىنى ئەسلەپ. 2016- يىلى، نەنتۇڭ شەھىرى ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، دەريا بويىدىكى رايونلارنىڭ نەچچە ئون يىللىق سانائەت توپلاشقان ئېكولوگىيە قىيىنچىلىقىنى كۈچەپ ھەل قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، 200 دىن ئارتۇق ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، تەخمىنەن 14 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چاڭجياڭ دەرياسى قىرغىقى لىنىيەسىدىكى ۋۇشەن تېغى ۋە دەريا بويىدىكى رايونلار يېشىللىققا ئايلاندى.

  تەرەققىيات داۋامىدا قوغداش، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ بوشىتىلغان قىرغاق لىنىيەسى 162 كىلومېتىرغا، ساھىل - قىرغاقلارنىڭ قايتا كۆكەرتىلىشى 12 مىليون 250 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتتى. چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى كۈتۈۋالدى، غول ئېقىننىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدە 2-تۈردىكى سۇ ئۈزلۈكسىز ساقلاندى. دەريا بويىدىكى 11 ئۆلكىنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى 2015 - يىلىدىكى %45.1تىن 2021- يىلىدىكى %46.6 كە ئۆستى، پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %47.7تىن %50.5 كە ئۆستى.

  زالىڭخۇ كۆلى بىلەن ئېلىڭخۇ كۆلىنىڭ سۈيى زۇمرەت سۇغا ئايلاندى. ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسى خۇاڭخېي مەنبەسى باغچا رايونىدا چوڭ تارماق تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ، مادو ناھىيەسىدىكى دۆلەت زېمىنى، ئورمانچىلىق، مۇھىت ئاسراش، سۇچىلىق قاتارلىق تارماقلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ باشقۇرۇش كومىتېتىغا كىرگۈزۈلدى. «بىر ۋىۋىسكا، بىر يۈرۈش قوشۇن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى تولۇق، ئاخىرغىچە باشقۇرىدۇ» دېدى خۇاڭخې مەنبەسى باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بايلىق، مۇھىت قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى رېن چىڭدوجيې.

  جيۇچۈدىكى خۇاڭخې دەرياسى تۈزەش ئارقىلىق كېچە-كۈندۈز ئۆركەشلەپ، ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. خۇاڭخې دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسى IIIتۈرلۈك سۇغا يەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان، بۇ يىل 8-ئايغىچە ئۇدا 23 يىل ئېقىن ئۈزۈلۈپ قالماسلىق ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى تېز ھەم مۇقىم بولدى.

  سۇنى تىزگىنلەش بىرىكمە كۈچى ھاسىل بولدى


  سەھەردە جېجياڭ ئۆلكىسى جياشىڭ شەھىرى خەييەن ناھىيىسى بەيياڭخې سۇلۇق يەر باغچىسىدا ناخشا ساداسى ياڭرايدۇ. يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالە گاۋ جېنخۇا دوستلىرى بىلەن شىپاڭدا «ھازىر بەيياڭخې بەك گۈزەل!» دەپ ناخشا ئېيتىشىدۇ.

  بۇ ئەتراپ ئىلگىرى كىچىك مېتال بۇيۇملار كارخانىلىرى توپلاشقان جاي بولۇپ، پاسكىنا سۇ بىۋاسىتە قويۇپ بېرىلەتتى، دەريا سۈيى دۇغ ئىدى. خەييەن ناھىيەسىقەتئىي نىيەتكە كېلىپتۈزىمەكچى بولۇپ، تاقاپ، توختىتىپ، بۇ رايوندىكى 69 كارخانىنى كۆچۈرۈپ، بۇلغىنىشنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەنزىرە بەرپا قىلىش، مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار بىرىكمە كۈچ جېڭى قىلىپ، بەيياڭخې دەرياسىنىڭ سۇ سۈپىتىنى IIIتۈرگە ئۆستۈرۈپ، شۇ جاينىڭ يارقىن ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندۇردى.

  سۇدا بېلىق بارمۇ؟ ئەتراپتىكى ئامما رازىمۇ؟ ئون يىلدىن بۇيان، جايلار، تارماقلار سۇنى تىزگىنلەشتە بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش، بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش بىلەنلا توختاپ قالمىدى، بەلكى سۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش دەرىجىسىنى بىۋاسىتە باھالاش ئۆلچىمى قىلىپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈنۈمىنى ئاچقۇچ قىلدى. سۇ مۇھىتى سۈپىتىنى ياخشىلاشنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىدە، قاتتىق، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  دەريا باشلىقى، كۆل باشلىقى تۈزۈمى سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلدى، مەملىكەت بويىچە ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك 1 مىليون 200 مىڭ دەريا ، كۆل باشلىقى ئىش ئورنىغا چىقىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن سۇنى تىزگىنلىدى.

  بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى باشقۇرۇلدى. ئېلىمىز دەرياغا، دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاڭجياڭ، بوخەي ۋە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ دەرياغا، دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزىنى تەكشۈرۈش-تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى. قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىرتۇتاش پىلانلاش كۈچەيتىلىپ، دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان دەريالارنىڭ ناچار 5-تۈردىكى دۆلەت تىزگىنلەيدىغان كەسمە يۈزى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىلىپ، قىرغاققا يېقىن دېڭىز تەۋەسىدىكى سۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى.

  يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىم ماسلاشتۇرۇلدى. ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، سۇنى تىزگىنلەش «ئۆز ئالدىغا سىياسەت قوللىنىش»تىن «جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش»قا ئۆزگەرتىلدى. ئەنخۇي، جېجياڭ قاتارلىق 18 ئۆلكە شىنئەنجياڭ دەرياسى، چىشۈيخې دەرياسى قاتارلىق 13 ۋادىدا ئۆلكە ھالقىغان ۋادىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىنىدىكى توغرا يۆنىلىشلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش ئۈستىدە ئىزدەندى، يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىن، ئوڭ-سول قىرغاقنى ھەمكارلىشىپ ئورتاق تۈزەشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىن شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئېقىپ كىرىدىغان سۇ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى ھەم 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بولدى، شەندۇڭنىڭ يۇقىرى ئېقىندىكى مەنپەئەتلەنگەن خېنەن ئۆلكىسىگە بۇ يىل 126 مىليون يۈەن ئېكولوگىيە تولۇقلىما مەبلىغى نەقلەشتۈردى.

  2021-يىلى، خېبېي بەيياڭديەن رايونى ھەم ديەنخې دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان سۇنىڭ سۈپىتى پۈتۈنلەي 3-تۈردىكى ئۆلچەمگە يېتىپ، ناچار 5-تۈردىن 3-تۈرگە ھالقىش خاراكتېرلىك بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، «شىمالىي جۇڭگو مەرۋايىتى» قايتىدىن جۇلالاندى. جۇڭگو زېمىنىدا، ئادەم بىلەن سۇ ئىناق بولغان گۈزەل مەنزىرىلەر ئۈزلۈكسىز نامايان بولۇپ، ھەممە مەۋجۇداتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلققە بەخت يارىتىدىغان دەريالار توختىماي ئاقماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ