مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

20-قۇرۇلتاي ۋەكىلىنىڭ سالاپىتى

رەھىمە ئاۋۇت شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا يۇرتتىكى سىردىشى

2022.10.08 13:49 مەنبە: خەلق تورى

  بۇ مەزگىلدە، رەھىمە ئاۋۇت بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلدى، چۈنكى ئۇنىڭ 84 نەپەر «قىزى»— جىنەن شەھىرى چاڭچىڭ 1-ئوتتۇرا مەكتىپى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنىدى. جەنۇبىي جۇڭگو تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى، شاڭخەي داشۆسى، شەندۇڭ داشۆسى... ئۈندىدار توپىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ داشۆلەرگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرغاندا چۈشكەن سۈرەتلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىدى. رەھىمە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان شۇ تۇنۇش چىرايلاغا توختىماي قارايتتى. ئۇ خۇشال ھالدا: «ئىشىنىمەنكى، بالىلىرىمنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ!» دەيتتى.

  رەھىمە مۇئەللىم غۇلجا شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، 2020-يىل 9-ئايدا، چاڭچىڭ 1-ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئەۋەتىلدى ھەم شىنجاڭنىڭ شەندۇڭدا تۇرۇشلۇق مائارىپنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى پارتىيە ياچېيكىسى چاڭچىڭ 1-ئوتتۇرا مەكتىپى پارتىيە كىچىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولدى. بۇ يىل، ئۇ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.

  جىنەنگە بارغاندىن كېيىن، رەھىمە مۇئەللىم چاڭچىڭ 1-ئوتتۇرا مەكتىپى 2019-يىللىقتىكى 84 نەپەر شىنجاڭلىق قىز ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، 84 نەپەر «قىزى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يېڭى چوڭ ئائىلىسى بولدى.

  «بالىلار يېپيېڭى مۇھىتقا يۈزلىنشتە، تىل ئۆتكىلى، كىلىمات ئۆتكىلى قاتارلىق سىناقلاردىن ئۆتۈشى كېرەك، ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش-تاماملىيالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك»دەيتتى رەھىمە مۇئەللىم. رەھىمە مۇئەللىم ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇشتىن باشقا، يەنە ئۆلارنىڭ ياخشى ئائىلە باشلىقى ۋە سىرداش دوستى بولۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى. چۈنكى ئۇلارمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئائىلىسىدىكىلەردىن ئايرىلىپ،نەچچە مىڭ كىلومېتىر يول بېسىپ، جىنەندە ئوقۇش، تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن كەلگەنىدى.

  رەھىمە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر بىنادا تۇراتتى، ئۇ ھەركۈنى ياتىقىدا ئىسسىق سۇ، يېڭى مېۋە-چېۋىلەرنى تەييارلاپ قوياتتى. ئوقۇغۇچىلار ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى، ئۇ ئالدىن ئويلاپ تەييارلايتتى. ئەتىگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىدىن تۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشتىن دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقىچە، ھەر كۈنى ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا يولۇققان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن يەنە كەچتىكى ۋاقىت چىقىرىپ سىردىشىشقىچە رەھىمە مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىسى، شۇنداقلا «ياخشى ئانىسى» ئىدى .

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى تەربىيە يېتەكچىلىك خىزمىتىنى قانداق ياخشى ئىشلەش كېرەك؟ رەھىمە مۇئەللىم دائىم بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىناتتى. ئۇ دائىم كىتابتىن ئۆگىنىپ، كەسىپداشلىرىدىن تەلىم ئېلىپ، ئون نەچچە يىللىق سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمەت تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشنىڭ چوڭ قائىدە-داۋلى سۆزلەش ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن كېلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.

  رەھىمە مۇئەللىم چاڭچىڭ 1-ئوتتۇرا مەكتىپىگە يېڭى كەلگەندە، ئالدى بىلەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئەھۋالى ئالاھىدە ئوقۇغۇچىلارنى بىر-بىرلەپ تىزىملاپ، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇق قىلدى ۋە ئاسرىدى. ئوقۇغۇچىسى شياۋئەي (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) نىڭ ئانىسى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئاچىسى ۋە ئىنىسى مەكتەپتە ئوقۇيتتى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئىدى.شياۋئەي ئىچ مىجەز بولۇپ، كۈلۈمسىرىگىنىنى ناھايىتى ئاز كۆرگىلى بولاتتى. رەھىمە مۇئەللىم تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ھەپتە ئاخىرىدا يەنە ئۇنى ياتاققا تەكلىپ قىلىپ بىللە تاماق ئېتىپ يەيتتى. ئوقۇغۇچىلار سىرتقا نەرسە سېتىۋېلىشقا چىققاندا، يەنە شياۋئەيگە پارچە پۇل بېرەتتى... ئانىلارچە كۆيۈنۈش شياۋئەينىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، چېھرىدە كۈلكىمۇ كۆپەيدى، ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ يىل، شياۋ ئەي ئالىي مەكتەپكە ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.

  «رەھىمە مۇئەللىم ھەممەيلەننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ياد ئېتىپ تۇردى، رەھىمە مۇئەللىم بولغاچقا، بىزنىڭ قەلبىمىز ئىللىقلىققا تولدى» بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلىگىنىدە، شياۋ ئەي رەھىمە مۇئەللىمدىن چەكسىز مىننەتدار بولاتتى ۋە ئايرىلىشقا كۆزى قىيىمايتتى.

  بۇيەردە خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىللەردە، رەھىمە مۇئەللىمنىڭ بۇنداق ھېكايىلىرى يەنە ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى ھالىتى، ئۆگىنىش، تۇرمۇش جەھەتتىكى مەسىلىلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلارغا ۋاقتىدا ياردەم قىلىپ، تەسەللىي بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆگىنىشىگە ئىلھاملاندۇراتتى. ئۇ ھەر مەۋسۇمدا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بىلەن نۇرغۇن قېتىم سىردىشاتتى.

  پارتىيە كىچىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رەھىمە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىن ئەۋەتىلگەن پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پارتىيەگە كىرمىگەن ئوقۇتقۇچىلارنى قوشماقلىشىپ، ھەر ھەپتىدە پائالىيەت قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ،شىنجاڭدىن ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىدە يېڭى كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈردى.ھەر قېتىملىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، شىنجاڭدىن ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى مول، رەڭدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارغا ھەمراھ بولۇپ شۇ جايدىكى قىزىل مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بېرىپ تەتقىقات، ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ«بەشنى چىن قەلبىدىن ئېتىراپ قىلىش» ىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا پائال يېتەكلىدى. رەھىمە مۇئەللىم يەنە«2021-يىللىق شەندۇڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالاندى.

  يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا، رەھىمە مۇئەللىم يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى كۈتۈۋالدى. خاتىرە دەپتىرىنىڭ باش بېتىگە، ئۇ تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق دەپ يازدى: «شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ بۈگۈن تەقدىم قىلغان ئازغىنە مېھىر-مۇھەببىتىمىز مۇقەررەر ھالدا بالىلارنىڭ ئەتىكى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا ئاتاكىغا ئۆتىدىغاندا كىيىدىغان جەڭ كىيىمىنى توقۇپ چىقىدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ