مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

20-قۇرۇلتاي ۋەكىلىنىڭ سالاپىتى

راشىيلا راخات — «تاشنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش» تىكى لەيلىتىپ تاللاش ئىشچىسى

2022.10.08 13:47 مەنبە: خەلق تورى

  9-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەردە، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ قاراتۈڭكې بازىرىغا جايلاشقان كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ رۇدا تاللاش زاۋۇتىدا، ھۈنەر-سەنئەت تېخنىكى، لەيلىتىپ تاللاش ماھارىتى ئۇستىسى ئىشخانىسىنىڭ باشلامچىسى راشىيلا راخات لەيلىتىپ تاللاش ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا كۆپۈك قەۋىتىنىڭ رەڭگى ۋە قېلىنلىقىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، لەيلىتىپ تاللاش ھۈنەر-سەنئەت كۆرسەتكۈچىگە ھۆكۈم قىلىۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، يېڭىدىن كەلگەن ئۈچ شاگىرتقا ئۈگىتىۋاتىمەن، يېڭىدىن كەلگەن رۇدىلارنىڭ دەرىجىسىدە داۋالغۇش چوڭ، لەيلىتىپ تاللاش ھۈنەر-سەنئىتىنى دەرھال تەڭشەش كېرەك...».

  1999-يىلى راشىيلا راخات قاراتۈڭكې شىركىتىنىڭ رۇدا تاللاش زاۋۇتىغا كېلىپ، ئەڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئەڭ جاپالىق بولغان لەيلىتىپ تاللاش ئىشئورنىغا خىزمەتكەكىرگەن. 2015-يىلى، ئۇ شەرەپلىك ھالدا جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى. بۇ يىل، ئۇ 20-قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى. 23 يىللىق خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇش ئۇنى «يېڭىياچى» كان ئىشچىسىدىن «تاشنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرىدىغان» لەيلىتىپ تاللاش ئۇستىسىغا ئايلاندۇردى. 23 يىللىق تۆھپە قوشۇش ئۇنى كارخانىغا سىڭدۈردى. ئۇ «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» ئارقىلىق بەش نەپەر تېخنىڭ، 3 نەپەرە ئالىي ئىشچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 دىن ئارتۇق شاگىرت تەربىيەلىدى. 23 يىللىق كۈرەش ئارقىلىق ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك مېدالى»، «مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدارى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.

  لەيلىتىپ تاللاشنىڭ تولۇق ئاتىلىشى لەيلىتىپ رۇدا تاللاش بولۇپ، رۇدا تاللاشتىكى ئاچقۇچلۇق ئىش تەرتىپى، ھەر تۈرلۈك ھۈنەر-سەنئەت كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ياخشى ياكى ناچار ئورۇندىلىشى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ئۈنۈمىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. زاۋۇتقا كەلگەن تۇنجى كۈنى راشىيلانىڭ ئۇستازى ئۇنىڭغا «لەيلىتىپ تاللاشنى ئۆگىنىش ئاسان ئەمەس» دېگەنىدى. لەيلىتىپ تاللاش تېخنىكىسىنى تېزدىن ئىگىلەش ئۈچۈن، راشىيلا لەيلىتىپ تاللاش ھۈنەر-سەنئىتىگە دائىر كىتابلارنى جېنىنىڭ بارىچە بېرىلىپ ئوقۇدى. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىغا پىششىق بولمىغاچقا، ئۇ خۇددى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئوخشاش، خەتمۇ-خەت لۇغەت ئاختۇردى؛ ئۇ خىللانغان رۇدا دەرىجىسى بىلەن دورا مىقدارى ئوتتۇرسىدىكى قانۇنىيەتنى يەكۈنلەپ چىقىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى لابوراتورىيەگە بېرىپ ئانالىز نەتىجىسىنى ئىگىلىدى؛ ئۇ تېخنىكا مۇھىم نۇقتىلىرىنى تېزدىن ئىگىلەش ئۈچۈن يېرىم سائەت بۇرۇن ئىسمېنا ئالمىشىپ، يېرىم سائەت كېچىكىپ ئىشتىن چۈشۈپ، خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ، ماھارىتىنى ياخشىلىدى. ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك، 10 يىلغا يېقىن ئىزدىنىش ئارقىلىق راشىيلا رۇدا تاللاش زاۋۇتىنىڭ لەيلىتىپ تاللاش ئورنىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىشچىغا ئايلاندى.

  لەيلىتىپ تاللاش خىزمىتى ئۇزۇن يىل دورىلىق ماتېرىيال، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئىشلەش بولۇپ، خىزمەت شارائىتى جاپالىق ۋە ئەمگەك سىجىللىقى يۇقىرى ئىدى، ئوخشاش بىر قاراردا كەلگەن ئايال ئىشچىلار لەيلىتىپ تاللاش ئورنىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، راشىيلا ئەزەلدىن تەۋرىنىپ باقمىدى.

  2010-يىل 10-ئايدا، رۇدا تاللاش زاۋۇتى يېڭى سىستېمىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. يېڭى سىستېمىنى تەڭشەشتە، ھۈنەرگە پىششىق بولمىغانلىقتىن، دائىم مەسىلە كۆرۈلۈپ تۇردى. راشىيلا ھەر كۈنى رۇدا ئېزىش خادىمى ۋە دورا خادىمى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلدى، ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان، قانچە كەچ بولۇپ كەتسىمۇ دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ ئۈسكۈنىنى تەڭشىدى. مەسلىلەر ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولۇپ، بىر-بىرلەپ ھەل قىلىندى. راشىيلا ئاخىر پۈتۈن جەرياننى تىزگىنلەيدىغان بىر يۈرۈش تەھلىل قىلىش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقتى، بۇ لەيلىتىپ تاللاش ئىش ئورنىنىڭ مەشغۇلات قوللانمىسىغا ئايلاندى.

  2014-يىلى، رۇدا تاللاش زاۋۇتى راشىيلانىڭ نامىدا لەيلىتىپ تاللاش ماھارىتى ئۇستىسى خىزمەت ئىشخانىسى تەسىس قىلدى، ئۇ تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى، ئۇ ئۆزىنىڭ تېخنىكىسىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي شاگىرتلىرىغا ئۆگەتتى. پارتىيەگە كىرگەندىن كېيىن، راشىيلا پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتىنىڭ ئەتراپىدىكى خىزمەتداشلىرىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى چۇڭقۇر چۈشەندى. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى بىلەن شاگىرتى گاۋيەن لەيلىتىپ تاللاش خىزمىتى بىلەن ئۇچرىشىپ تۆت يىل بولمايلا شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گورۇھىنىڭ تېخنىكا مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولدى. شاگىرتى گۈلنۇر ئۈچ يىل ئۈگەنگەندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا ئىش قىلالايدىغان، گورۇپپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلاتىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان بولدى.

  راشىيلانىڭ ياردىمى ۋە يېتەكلىشى بىلەن رۇدا تاللاش زاۋۇتىنىڭ مەشغۇلات سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «لەيلىتىپ تاللاش ئىش ئورنى لەيلىتىپ تاللاش، رۇدا ئېزىش، ئۈسكۈنە يۈرگۈزۈش قاتارلىق كۆپ ھالقىلارغا چېتىلىدۇ، پۇختا نەزەرىيەۋى بىلىم ۋە مول ئەمەلىي تەجرىبىگە مۇھتاج، ئۆزۈم نۇرغۇن ئەگرى توقاي يوللارنى مېڭىپ، ئاندىن ئىشنىڭ يولىنى بىلدىم، ئەمما ھامان بىر كۈنى پىنسىيەگە چىقىمەن، بۇ خىزمەتكە ئىز باسار كېرەك».

  راشىيلا يەنە لەيلىتىپ تاللاش ماھارىتى ئۇستىسى خىزمەت ئىشخانىسىدىن پايدىلىنىپ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، «كىچىك كەشپىيات، كىچىك ئىجادىيەت، كىچىك ئىسلاھات، كىچىك لايىھە، كىچىك تەكلىپ» پائالىيىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، نەق مەيداندا ھۈنەر-سەنئەت تەرتىپىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، دورىنى تۆۋەنلىتىش تەجرىبىسى، تۆۋەن ئىشقارلىق نېيتراللىققا مايىل ھۈنەر-سەنئەت تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق 11 تۈرنى يولغا قويۇشقا قاتنىشىپ، كارخانىغا ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپ بەردى. ئۇ 2020-يىلى «مەملىكەت بويىچە ماشىنىسازلىق، مېتاللورگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كەسپىدىكى ھۈنەرۋەن» بولۇپ باھالاندى.

  راشىيلا مۇنداق دېدى: «مەن پەقەت ئادەتتىكى بىر لەيلىتىپ تاللاش ئىشچىسى، 20-قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى بولالىشىم پارتىيەنىڭ مېنىڭ خىزمىتىمنى مۇئەييەنلەشتۈرگىنى. مەن پەقەت تېخىمۇ تىرىشىپ، خىزمەت ئورنۇمدا ياخشى ئىشلەش ئارقىلىقلا بۇ شان-شەرەپنى يەردە قويمايمەن».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ