خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 9-ئاينىڭ 27-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، پاكىستان 70 كە يېقىن دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئورتاق سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا، شياڭگاڭغا، شىزاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قوللاپ، كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇردى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
ۋاڭ ۋېنبىن: 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، پاكىستان 70 كە يېقىن دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئورتاق سۆز قىلىپ شىنجاڭ، شياڭگاڭ، شىزاڭ ئىشلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا قارشى تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ب د ت نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشىنى، ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ تەرەققىيات يولىنى دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداشنى تەكىتلىدى. 20 نەچچە دۆلەت ئۆز ئالدىغا سۆز قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگونى قوللىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 100 گە يېقىن دۆلەت ئارقا-ئارقىدىن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ھەققانىي سادا چىقىرىپ، ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ھەققانىي مەيدانىنى چۈشىنىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئاز ساندىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا قارا چاپلاش سۇيىقەستى قايتا-قايتا بەربات قىلىندى. بۇ، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ.
ئاز ساندىكى غەرب دۆلەتلىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم ۋە سىياسىي نەيرەڭ ئىشلىتىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئاشكارا ئارىلاشتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەزالىرى بۇنى ئاللىقاچان ئېنىق كۆرۈپ يەتتى.
ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا قاتارلىق ئاز ساندىكى غەرب دۆلەتلىرىدە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، قورال-ياراغ، زوراۋانلىق ئارقىلىق ھاياتلىق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈچلۈك بولماي، ساغلاملىق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ئادەم توشۇپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئەمگەك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ئاتا-ئانا بىلەن بالىسىنى ئايرىۋېتىش سىياسىتى ئارقىلىق كۆچمەنلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش، سىستېمىلىق ئىرقىي كەمسىتىش ئارقىلىق ئاسىيا پۇشتىدىن بولغانلار، ئافرىقا پۇشتىدىن بولغانلار، مۇسۇلمانلار قاتارلىق ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي يوقىتىش سىياسىتى ئارقىلىق يەرلىك كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش، چەت ئەللەردە ھەربىي ھەرىكەت قىلىش ۋە قانۇنسىز يەككە تەرەپلىك جازالاش ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىش قاتارلىقلار مەۋجۇت. بىز بۇ دۆلەتلەرنى ئەمدى «كىشىلىك ھوقۇق ئۇستازى» دەپ ئۆزىگە تەمەننا قويماسلىققا، قوش ئۆلچەم قوللانماسلىققا، سىياسىي مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللانماسلىققا، قايتۇرۇشقا تېگىشلىك قان قەرزىنى قايتۇرۇشقا، تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەرسلەرنى تولۇقلاشقا دەۋەت قىلىمىز.
جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. ئاز ساندىكى غەرب دۆلەتلىرى مەيلى قانداق ئويۇن قويسۇن، جۇڭگو خەلقىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، چوقۇم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى