مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

20- قۇرۇلتاي ۋەكىلىنىڭ سالاپىتى

ما يۈ «پاراۋانلىق مۇخبىرى» دىن «بىرىنچى شۇجى» بولغىچە مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈشنى توختىتىپ قويمىدى

2022.09.30 11:09 مەنبە: خەلق تورى

  «فېڭ ھامما، بىز سىزنى كۆرگىلى كەلدۇق!» ماناس ناھىيەسىنىڭ لەنجوۋۋەن بازىرى باجياخۇ كەنتى «سانجى گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ باجياخۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ما يۈ كەنت كادىرلىرى بىلەن بىللە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ، 74 ياشلىق يالغۇز موماي فېڭ يەنخۇانىڭ ئىشىكىنى چەكتى.

  قىزغىن ھال-ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن، فېڭ يەنخۇا ئىنتايىن خۇشال بولۇپ مۇنداق دېدى: «ما شۇجى مېنى دائىم يوقلاپ تۇرىدۇ، ماڭا ياردەملىشىپ ھويلا ئاراملارنى يىغىشتۇرۇپ بېرىدۇ، مېنىڭ قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلىشىپ بېرىدۇ، مەن ئۇنى ئۆز قىزىم دەپ بىلىمەن.»

  كەنتتە تۇرۇپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا، ما يۈ رادىيو كانىيىدا تەشۋىق قىلىش، ئۇقتۇرۇش تارقىتىش، خەلق تۇرمۇشىغا بولغان مېھر-مۇھەببىتى بىلەن كادىرلارنى باشلاپ دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىش، ئېتىز-ئېرىقلارغا بېرىشى كەنتتىكى يارقىن مەنزىرىگە ئايلاندى.

  «پاراۋانلىق مۇخبىرى»دىن «بىرىنچى شۇجى»غىچە بولغان 22 يىلدىن بۇيان ما يۈ مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان يۈرىكى بىلەن خەلق ئاممىسىغا چىن دىلىدىن خىزمەت قىلدى. پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ باشتىن-ئاخىر ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى كۈچنى ئۇرغۇتتى.

  ما يۈ بىر ئاددىي ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ما يۈنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىزچىل تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇ ئىزچىل قىيىنچىلىقى بار ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى ئويلايتتى. 2000-يىلى، ئۇ «سانجى گېزىتى» ئىدارىسىغا يۆتكىلىپ، خەلق تۇرمۇشى مۇخبىرى بولۇپ، مېھىر-شەپقەت ھەرىكىتى ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىگە پائال ئاتلاندى.

  2008-يىلى، سانجى شەھىرى ئاھالىسى جاڭ شياۋمىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ماس كېلىدىغان تىپنى تاپقان بولسىمۇ، ئوپېراتسىيە قىلدۇرغۇدەك پۇلى قالمىغان ئىدى. ما يۈ ياردەم تەلەپ قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كېچىلەپ خەۋەر يېزىپ، قىسقىغىنا بىر نەچچە كۈندە 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە توپلىغان. ئارقىدىنلا ئۇ يەنە ئىئانە توپلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، 216 مىڭ يۈەن ئىئانە توپلىغان. كۆپ تەرەپنىڭ ياردىمىدە، جاڭ شياۋمىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنى كۆچۈرگۈزدى.

  ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن بۇيان، ما يۈ 2 مىليون خەتلىكچە خەۋەر يېزىش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن بىر مىليون يۈەنگە يېقىن ئىئانە توپلاپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن «خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ياخشى مۇخبىر» دەپ تەرىپلەندى.

  2019ـ يىلى ئۇ «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس» بولۇپ باھالاندى.

  2021 يىل 5-ئايدا، ما يۈ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملىتىپ لەنجوۋۋەن بازىرى باجياخۇ كەنتىدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىگە قاتناشتى. باجياخۇ كەنتى ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ يادرولۇق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە تۇتاش كەتكەن نېلۇپەر كۆلچىكى، بۈك-باراقسان ئورمان بەلبېغى، رەڭدار تام رەسىملىرى بار. ما يۈ تاراتقۇ خىزمەتچىلىرى ۋە ئەۋەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، فوتوگرافلارنى كەنتكە بېرىپ مەنزىرە توپلاش، يېزا-كەنت فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش، بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تەشۋىق قىلدى، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ساياھەتكە تايىنىپ كىرىم قىلالايدىغان بولدى.

  يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، ما يۈ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» نى يېتەكلەپ، يول-كۆۋرۈك، ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى، پاكىزە ئاممىۋى ھاجەتخانا قۇرۇلۇشى ۋە كۆمۈرنى توكقا ئۆزگەرتىش، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىرياقلىق قىلىش، يېزا ـ كەنت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق بىر تۈركۈم تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈردى، كەنتلەرنى كۆكەرتىش، تۇرۇبا تورىنى ياخشىلاش، قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى ئورنىتىش، تۈرگە ئايرىلغان ئەخلەت ساندۇقى ۋە قار تازىلاش ماشىنىسى سېتىۋېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، باجياخۇ كەنتىنىڭ قىياپىتىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى.

  ھازىر ما يۈ بىلەن كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، باجاخۇ كەنتىنىڭ مۇھىتى گۈزەللەشتى، ئىش-ئوقىتى گۈللەندى، دېھقانلار بېيىدى. 2021-يىلى بۇ كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 24 مىڭ 500 يۈەنگە، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 2 مىليون 60 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  باجياخۇ كەنتىدىكى نۇرغۇن كادىر، ئامما ما يۈگە باھا بېرىپ «ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشى توختاپ قالمىدى، ئۇ بىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىردىشى، قەلبدىشى، ئەتراپىمىزدىكى ياخشى پارتىيە ئەزاسى، ياخشى كادىر» دېيىشتى.

  ما يۈ مۇنداق دېدى: «پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانلىقىمدىن چەكسىز شەرەپ ھېس قىلىمەن، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلۋاتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن، ھېسسىيات جەھەتتە ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ھەرىكەتتە ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خىزمەتتە ئاممىغا تايىنىمەن. ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىپ بېرىمەن. باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋەكىلىلىك سالاھىيىتىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، بۇرچۇمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىمەن.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ