مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

20- قۇرۇلتاي ۋەكىلىنىڭ سالاپىتى

ما لى ئاممىنىڭ ئىشىنى باشتىن-ئاخىر قەلبىگە پۈككەن

2022.09.30 11:05 مەنبە: خەلق تورى

  9- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 5:30 دا، تاڭ تېخى سۈزۈلمىگەنىدى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 12 - شىسى شىشەن دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق مەيدانى ئەنكاڭ مەھەللىسىدە، پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما لى ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، خېسۈەن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇردى.

  «ئاھالىلەرگە بىخەتەرلىك ئارىلىقى ساقلاشنى قايتا-قايتا ئەسكەرتىشنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك»، گەرچە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بەزى ئىشلار نۇرغۇن قېتىم تەكرار دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر قېتىمقى خېسۈەن تەكشۈرۈشتە ئۇ يەنىلا سەۋرچانلىق بىلەن كۆپچىلىككە بۇ ئىشلارنى ئەسكەرتەتتى.

  2018- يىلى ما لى ئەنكاڭ مەھەللىسىگە كېلىپ، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولدى، ئۇ ۋە مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان خىزمەت ئىستىلى مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. 2020- يىلى 11- ئايدا، ما لى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى.

  ما لى تىلغا ئېلىنسىلا، ئەنكاڭ مەھەللىسىدىكى كىشىلەر «ئۇ بىزگە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى» دەپ باش بارمىقىنى چىقىرىپ ماختاپ كېتەتتى. ئەنكاڭ مەھەللىسىدە خىزمەت قىلغان تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، مالى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ، زىدىيەت-ماجرالىرىنى ھەل قىلدى، 2462 ئائىلىنىڭ چوڭ-كىچىك ئىشلىرىنى ئېسىدىن چىقارمىدى.

  ئەنكاڭ مەھەللىسىگە خىزمەتكە كېلىشتىن بۇرۇن، ما لى شىشەن دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى ليەندۈيدە خىزمەت قىلىپ، ئاساسلىقى ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. شۇنىڭ بىلەن ئەنكاڭ مەھەللىسىگە كەلگەندىن كېيىن، ما لى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ئاھالىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندە، ئاياللار، بالىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي قىيىنچىلىقىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلدى.

  مالى تىلغا ئېلىنسىلا ئاسىخان ئەيجان: «بۇ يىل ئوغلۇم 3-يىللىقتا ئوقۇيدۇ، ئۇغلۇمنىڭ ئوڭۇشلۇق ئوقۇيالىشى ما لى شۇجىنىڭ بولغانلىقىدىن بولدى» دەپ مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەيتتى. ئاسىخاننىڭ ئوغلىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بولغاچقا، ئىزچىل مۇۋاپىق ئاڭلاش ئۈسكۈنىسى تاقىمىغانىدى. 2019- يىل 8 - ئايدا، ما لى ئاسىخان ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنى ئېلىپ، پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي، كۆپ قېتىم مېيىپلەر بىرلەشمىسى، دوختۇرخانا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، تەكشۈرۈش، سىناپ تاقاش، تەڭشەش ئارقىلىق ئاسىخاننىڭ ئوغلىغا مۇۋاپىق سۈنئىي ئاۋدىفوننى ھەقسىز سەپلەپ بەردى. ئاسىخاننىڭ ئوغلى قۇلىقى ئاڭلىيالايدىغان بولۇپ، ھاياجانلانغىنىدىن « ئا... » دېگەن تاۋۇشنى چىقارغاندا، بىر چەتتە قاراپ تۇرغان مالى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى.

  ئاسىخاننىڭ ئوغلىنى باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، مالى يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپ ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن قايتا - قايتا ئالاقىلاشتى. «ئۇ نورمال بالىلارغا ئوخشاش مەكتەپكە كىرىپ، بىلىم ئىگىلەپ، تەربىيە ئالغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى چىقىش يولىغا ئېرىشەلەيدۇ» دەيتتى ما لى. ما لى ئاسىخاننىڭ ئوغلىنىڭ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيالايدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا، ئاندىن خاتىرجەم بولدى.

  ما لى خىزمەت تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشكە موھتاج. مەسىلەن، بەزى ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولىدۇ، بەزى بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كېتىپ بالىلار ھەمراھ سىز قالىدۇ».

  جيا يۆشياڭ جورىسىز ئانا بولۇپ، ئىككى بالىسى بىلەن تۇراتتى، تۇرمۇشى قىيىن ئىدى. مالى بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇقىرىغا ئۇنىڭ ئۈچۈن ياردەم بېرىش-يۆلەش ئىلتىماسى سۇندى، ھېيت - بايراملاردا يەنە ئۇنىڭغا ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئاپىرىپ بەردى. يالغۇز قالغان موماي خې جىيۈن بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلىتىشنى بىلمەيتتى، بۇ قېتىمقى يۇقۇم مەزگىلىدە، ما لى ئۇنىڭدىن ئىنتايىن ئەنسىرىدى. ئۇ ھەر كۈنى قولىدىكى خىزمىتىنى تۈگىتىپ بولۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى يەپ بولغان-بولمىغانلىقىغا، دائىم يەيدىغان دورىلىرىنىڭ بار-يوقلىقىغا قاراپ باقاتتى. «ما لى مېنىڭ قىزىمدەكلا» دەيدۇ خې جىيۈن ئىچ ـ ئىچىدىن ھاياجانلانغان ھالدا.

  2021- يىلى، ما لى «مەملىكەت بويىچە ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى ئىلغار شەخس» دېگەن نامغا ئېرىشتى. ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «بۇ شان - شەرەپ كۆپچىلىكنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشىدىن كەلگەن، شان - شەرەپ ۋاقىتلىق، لېكىن كۈرەش قىلىشتىن مەڭگۈ توختىمايمەن».

  ياشانغانلارغا ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسى بېجىرىپ بېرىش، مېيىپ ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش، ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلار، مېيىپ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە غەمخورلۇق قىلىش، ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش...بۇلارنىڭ ھەممىسى ما لىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرى ئىدى. تۆت يىلدىن بېرى ما لى ئالاقىدار قانۇن - نىزام ۋە سىياسەت بىلىملىرىنى پائال ئۆگىنىپ، مەھەللە مۇلازىمەت خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىشچى – خىزمەتچى ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئىپادىلەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، تۈرلۈك زىددىيەت - ماجىرالاردىن 135 نى مۇرەسسە قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار 56 ئائىلىگە ياردەم بەردى. ئەنكاڭ مەھەللىسىنىڭ كادىرى پەن شۈييىڭ «ما لى شۇجى ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان ئادەم، ئۇ ئاھالىلەرنىڭ ئىشلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، بىر - بىرلەپ ئەستايىدىل ھەل قىلدى، ئۇ بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىزدۇر» دېدى.

  بۇ يىل 6- ئايدا، ما لى ئۆزىنىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغانلىقىنى بىلىپ، زىممىسىدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدى. «پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغىنىم مەن ئۈچۈن شەرەپ، تېخىمۇ مۇھىمى ئىلھام. مەن چوقۇم ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئاساسىي قاتلام بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئامما ئىشىنىدىغان كىشىلەردىن بولىمەن» دېدى ما لى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ