مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 51-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ بۇلۇت ئۈستى يانداش يىغىنى ئېچىلدى

تەرەققىيات ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى

2022.09.29 22:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 26-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، غەربىي شىمال سىياسىي-قانۇن داشۆسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزى، بورتالا شەھەرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزى ئۈستىگە ئالغان «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىرى» يانداش يىغىنى بورتالا شەھىرى ۋە شىئەن شەھىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن ئالىم، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى ۋە جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلدى.

  غەربىي شىمال سىياسىي-قانۇن داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جيەن مۇنداق قارىدى: ھازىر جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگوچە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  بورتالا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھەسەنجان ئابدۇكېرىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇكەممەل، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلام، يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىنى ئالغا سىلجىتتى.

  مىسىرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ سابىق مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا مەسلىھەتچىسى ھۈسەيىن ئىبراھىم مۇنداق دېدى: جۇڭگو مىللەتلەر باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەت، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۈرلۈك ھوقۇقلىرىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى، بۇ يەنە جۇڭگونىڭ ئۆز دۆلىتى خەلقى بىلەن دۇنيا خەلقىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە قوشقان تۆھپىسىدۇر.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو چېگرا رايون تەتقىقات ئورنى پەن تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ يۈتىڭ، شىنجاڭ پېداگوگىكا داشۆسى سىياسىي-قانۇن شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى پېڭ ۋۇچىڭ، شىنجاڭ داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى رامىلە شاۋكەت قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەمدە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بايان قىلدى. ئۇلار مۇنداق قارىدى: دۆلەت ھەر مىللەت خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا يېڭى تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىغا قارىتا، بورتالا شەھىرى چىندېل كوچا باشقارمىسى شەرق قىزاردى مەھەللىسى ئاھالىسى ساۋۇت ئېزىز كۆپ تەسىراتقا ئىگە. ئۇ ئولتۇرىدىغان ئولتۇراق رايونغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك قاچىلاش لاپىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا يۇيۇش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان. «ھەرقايسى مىللەتلەر زامانىۋى پەن-تېخنىكا قولايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئوخشاش تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.» ساۋۇت ئېزىز مۇنداق دېدى: بۇ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى.

  نىگېرىيەلىك ئوقۇغۇچى يېسۇيا، موزامبىكلىق ئوقۇغۇچى ئوۋ جىڭيا شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى شىنجاڭنى بايان قىلدى. «ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشى ناھايىتى ياخشى ئىكەن.» ئوۋ جىڭيا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ پەرققە ھۆرمەت قىلىش، كۆپ خىللىققا يول قويۇش، ئۆزئارا ھۇزۇرلىنىشتا چىڭ تۇرىدۇ، مەن ساۋاقداشلىرىم بىلەن گۈزەل شىنجاڭنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇشتۇرۇمەن.

  غەربىي شىمال سىياسىي-قانۇن داشۆسى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، پىروفېسسور چاڭ ئەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەرەققىيات ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش — جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك كىشىلىك ھوقۇق نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسى، شىنجاڭ رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇۋەپپەقىيەتلىرى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، پەقەت تىنچ، ئىتتىپاق چوڭ مۇھىت بولغاندىلا، ئاندىن كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ